ئېرىنىڭ ئاشنىسىغا يېزىلغان بىر پارچە خەت

ۋاقتى:2012-01-11 14:20مەنبە: يوللىغۇچى:پىنھانە چېكىلىشى:قىتىم
  

ئېرىنىڭ ئاشنىسىغا يېزىلغان بىر پارچە خەت ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

X X X ياخشىمۇ سىز !
سىزنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، گەرچە سىز مىنى ئازابقا قويۇپ ، دىلىمغا ئازار بەرگەن بولسىڭىزمۇ ، نېمىشقىكىن بەزىدە يەنە سىزگە ھسداشلىقىم قوزغىلىپ قالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىزمۇ بىر –بىرىمىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتۇق،نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ئاشنىسى بولغاندىن كېيىنمۇ ،يەنىلا ئايالىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ.ئەمما يەنىلا ئاشنىسىغا ئايالنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى ئىيتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەرلەرنىمۇ ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئۇلارمۇ سەرگەردان بولۇپ،ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇدۇ-دە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەگەردە سىز ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى كەچۈرىۋىتىڭ. ئەمىليەتتە سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزمۇ بىر خىل شەخسىيەتچلىك. بىردەملىك ھىسياتىڭىزنى دەپ ئۇنىڭ ئاشنسى بولدىڭىز، قوسىقىڭىزدا قالغان بالىنى تىلغا ئېلىپ ئۇنى ئاجىرشىپ، ئۆزىڭىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشقا مەجبۇرلىدىڭىز. ئەگەردە ،مەن سىزنىڭ ئورنىڭزدا بولدىغان بولسام، ھىچنىمە دىمىگەن بولاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالغان بولاتتىم. پەقەت ئۇنىڭ مىنى سۆيدىغانلىقىنى ھىس قىلساملا ، ماڭا شۇ يتەرلىك بولغان بولاتتى. مەن ئۆزۇم ياخشى كۆرگەن كىشنىڭ ئۇنچە تەڭقىسلىقتا قېلىشنى خالىمايتتىم. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولاتتىم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


گەرچە ھازىر ئۇنىڭ مىنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقنى سىزىپ تۇرساممۇ، ياخشى بىر ئەر بولۇشقا تىرشچانلىق كۆرستىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇرساممۇ، ئەمما مەن يەنە ئۇنىڭ چارچىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.ئۇ مىنىڭ ھەم سىزنىڭ دىلڭىزغا ئازار بىرىشنى خالىمايتتى.شۇڭا قايسىمىزنى تاللاشقا ئامالسىز قالغان ئىدى.ماڭا ۋەدەبىرىڭ،بۇندىن كىيىن ئۇنى سۆيۇڭ ،ئۇنىڭ دىلغا ئازار بەرمەڭ بولامدۇ؟بىز ئون يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۇردۇق، ئېھتىمال سىلەر ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بىرگە ياشارسىلەر .سىز ئۇنى ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ.بىراق بەزى ئىشلارنى يەنىلا سىزگە ئەسكەرتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۇم

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


1. ھەرگىزمۇ مىنىڭ ئورنىمنى بېسىپ قالماڭ، ئۇنىڭدا سىزگە ئادىل بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا ، ئۇ مىنى ئەسلەپ ئۇنتىيالماسلىقى مۇمكىن، بۇ سىللەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارغا نسبەتەن بىر يۇشۇرۇن خەۋىپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
2. ئۇنىڭ ئۆتمۇشنى كۆپ سۇرۇشتۇرمەڭ، ئۇنىڭ كۆڭۇل يارسىنى ساقايتىۋىلىشغا ياردەم قىلىڭ.
3. گەرچە ئۇنىڭ قىلغانلىرى توغرا بولمسىمۇ، دەماللىققا ئىدىيڭىزگە سىغدۇرالىمسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ قىزىقىشغا يەنىلا ھۆرمەت قىلىڭ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ،ئەرلەرنىڭ قىزىقىشى بولمسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆزنىڭ جەلىپكارلىقىنمۇ يوقتۇپ قويدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى


4. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ئۇنڭدىن نارازى بولۇپ قالسىڭىز ياكى ئاچچىغىڭىزنى كەلتۇرۇپ قويسا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ. گەرچە ئۇ خاتا قىلپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسىي بولىدۇ. كىيىن ،ئۇ ئۆزىنى بېسۋالغاندىن كىيىن ھامان خاتا قىلغانلىقنى ھىس قىلىدۇ .
5. ئۇنىڭ زىيادە كۆزىگە كىرۋالماڭ، ئەرلەر ئۆز ئاجىزلىقنى باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۆيدە ئولتۇرغان بولسا، ئۇنڭغا دەخىل قىلماڭ ، ئەگەر ئۇنىڭ سىز بىلەن پاراڭلاشقۇسى بولسا،ئۇنىڭ گىپىنى تىنچ ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بىرىڭ، قوشۇق سالماڭ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ كۆڭلدىكىنى بىرەرسىگە ئىيتىپ بىرىشنى خالاپ قالىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

6. دوستلىرىڭىز ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز ئالدىدائۇنى خىجىل قىلماڭ،گەرچە مۇنداق چاغلاردا ئوشۇق گەپ قىلمسىمۇ ، ئەمما كىيىن سىز ئۇنڭغا بېسىم قىلىپ قويغانلقىڭىزنى ھىس قىلىسىز.ئەجىبا سىز ئەتىراپىدىكىلىرڭىزنىڭ يولدىشىڭىزنى ياخشى دىيشنى ئۇمۇد قىلىمامسىز؟ئۇنداق ئىكەن ،ئۇنڭدىن كۆڭلىڭىز ئاغرىغان يەرلەرنى ئىچڭىزدە بىلىپ قالسىڭىزلا كۇپايە. ئۇنىڭغا نىسپەتەن كەڭ قوساق بولۇشنى، كۆيۈنۈشنى ئۇگىنىۋېلىڭ. ئەرلەر ھۆرمەتلىنىشكە مۇھتاج،ئۇنىڭ ھۆرمىتى بولغاندىلا ئاندىن سىزنىڭ ھۆرمىتىڭىز بولىدۇ.
7. ئۇنىڭدىن مەڭگۇ "مەن مۇھىممۇ ياكى ئاپىڭىزمۇ؟"دىگەندەك سۇئاللارنى سورىماڭ. بىر ياخشى ئەر چوقۇم بىر ۋاپادار پەرزەنت بولۇشى كىرەك. ئاتا-ئانىمىز بولمغان بولسا، بىزمۇ بولمايتتۇق، سىز پەقەت ئۇنىڭ ئاتا –ئانسىنى،ئائىلدىكىىلرىنى ھۆرمەت قىلسىڭىزلا ئۇ سىزنى تېخمۇ سۆيىدۇ. ئەرلەر ئائىلدە ئىللىقلىققا ۋە خاتىرجەملىككە ئىرشەلىگەندىلا، ئانىدىن ھەر قانداق ئىشنى بىر باشقا ئىلىپ چىقالايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
8. ئۇنى دوستلىرى بىلەن زىيادە باردى-كەلدى قىلىپ كەتتى دەپ ئەيپلىمەڭ. ئەرلەرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قىلشدىغان گەپ –سۆزلىرى بولىدۇ. ئەجىبا سىز ئۇنىڭ دوستلىرنىڭ ئۇنى "سايىماخۇن"<خوتۇندىن قورقىدۇ>دەپ مەسخىرە قىلىشنى خالامسىز؟ئۇ سىزدەك بىر ئايالى بولغانلىغىدىن پەخىرلىنەلىسۇن. دوستلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ يۇزنى قىلىڭ.دوستلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭىز ئەمىليەتتە ئۇنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىز.
ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالايدىغنلىقىڭىزغا ئىشنىڭ. ئۇنىڭ ئاشقازان كىسىلى بار، يۈرىگىدىمۇ چاتاق بار ، شۇنداق تۇرۇقلۇق لازىغا ئامراق. ئۇنىڭ ھاراقنى كۆپ ئىچىشگە يول قويماڭ، گۆشسىز سەيگىمۇ ئازراق گۆش سېلىشنى ئۇنۇتماڭ، گۆشلۇك سەينىمۇ بەك مايلىق قىلۋەتمەڭ. شورپا قىلغان ۋاقتىڭىزدا ھەر –خىل تېتىتقۇلارنىڭ تەمى چىققاندىن كىيىن ، ئۇنى سۈزۈپ ئېلىۋتىڭ. ئۇنىڭ بۇنداق نەرسىلەر بىلەن زادى خوشى يوق. پەقەت ئازىراق تەمى چىقىسىلا كۇپايە.

ئىز تورى www.iz.la


ئۇ قىشىن –يېزىن ئوخشاشلا تەرلەيدىغان بولۇپ، بىر كۇندە نەچچە رەت كىيىم ئالماشتۇردۇ. ئىغىر ئالماي ، پاكىز يۇيۇپ بىرىڭ، يۇيۇنغاندا دۇمبسىنى ئۇۋلاپ قويۇڭ ، ئۇچىلىرىنى تۇتۇپ قويۇڭ ، شۇندىلا ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ.
ئۇ ئادەتتە كۇلدۇرگە ،ئىتوت دىگەندەكلەرنى ئاڭلىغاچ، ئۇيقۇغا كىتشنى ياخشى كۆرىدۇ. سىزمۇ ئاستا-ئاستا بۇنىڭغا كۆنۇپ قالسىز. ئەگەر راستىنلا ئۇخلىيالمسىڭىز ، ئۇ ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن ،ئۆچۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇ ئۇخلغاندا يوتقاننى تىپىۋىتدىغان، ياستۇقنى چۆرىۋىتدىغان ، جۆلۇيدىغان ئادىتى بار، مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئۇنڭ ھالدىن ئوبدان خەۋەر ئىلىڭ . ئىز تورى بەك ياخشى
مەن بەك كۆپ سۆزلەپ كەتتىمۇ قانداق؟ قالدى ئىشلارنى ئاستا-ئاستا بىلىپ كىتىسىز. شۇنى بىلىشىڭىز كىرەككى ، توي قىلغاندىن كىينكى تۇرمۇش ھەرگۇزمۇ ئىلگىركىدەك رۇمانتىك بولمايدۇ. ئىھتمال سىز مىڭ بىر جاپادا كەچلىك تاماق تەييارلىسىڭىز ، ئۇ يېرىم كىچىدە كىرىشى، ھەتتا بەزىدە سىزگە ئورۇنسىز كايىپ كىتىشى مۇمكىن.ئ ەمما بۇلارغا ھەرگىز ئاچچىقلانماڭ ،كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.
ئېھتىمال ،مۇھەببىتىڭلار چوڭقۇرلاشقانسىرى ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرنى كەچۇرۋىتىدىغان بولارسىز . پەقەت ئۇ بەختلىك بولالىسىلا مەن شۇنىڭغا خوش. شۇڭا ھەرگىز ئۇنى خاپا قىلىپ قويماڭ. ئۇنى سۆيۇڭ، ئۇنى بەختلىك قىلالسىڭىزلا ئاندىن سىزمۇ ھەقىقى بەختنىڭ نىملىكىنى ھىس قىلالايسىز. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-سىز كۆزدىن يوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلغان كىشدىن-
(ئىزاھات:25كۇندىن كىيىن ،يولدىشنىڭ ئاشنىسى تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ،قايتا دىرىكى بولمىدى.)
جۇڭگۇ قىيما گېزىتى 2006-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۇنى سانىدىن قەشقەر كونشەھەر ئاۋات ئوتتۇرا مەكتەپدىن توختىھاجى يۇنۇس تەرجىمسى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(90)
94.7%
ئالقىشلايمەن
(5)
5.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • مۇھەببەت ۋە مەسئوليەت

    مۇھەببەت بۇ دۇنيانىڭ يېرىم خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارىچە خۇشاللىقلاردىن بەھىرلىنىشكە ھەقلىق . ئائىلىنى ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرۋاتقان ئاياللارغا كۆيۈنش ، ئۇلارغا شادىلىق ئاتا قىلىش تولمۇ ئېسل پەزىلەتتۇر . ئەر ۋە بالا تەرپىدىن قىلىنىغان كىچىككىنە غەمخ...

  • ئەر -خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى قەلىبىنى تۇتاشتۇردىغان رىشتە ئورنىتىش كىرەك

    نۇرغۇنلىغان ئاشىق -مەشۇق ، ەر -خوتۇنلار مەسىلىلەر ئۈستىدە ياخشى چۈشنىش ھاسىل قىلالمايد ۇ. . شۇنىڭ بىلەن بەزىلىر ى ئىككىسنىڭ بىر -بىرنى ياخشى كۆرىدىغنا .كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . يەنە بەزىلىرنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەتتا ئۇقۇشماسلىق زىدىيەت يۈز بېرىپ ، بىر مەيدا...

  • ناۋادا يولدىشىڭىز سىزگە ئاسىيلىق قىلسا

    ھەققىي مۇھەببەت بولسا بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ . مۇھەببەتنىڭ ساھەسى ئىنتايىن تار بولۇپ ، كىچىكلىكتە پەقەت ئىككى ئادەمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا سىغدۇرالايدۇ . ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئادەمىنى ياخشى كۆرۇپ قالسىڭىز ، ئۇنداقىتا ئۇ مۇھەببەت بولمايدۇ . ئۇ پەقەت ھ...

  • ھەر -بىر كۈنىڭىز بەختلىك بولسۇن

    بىر -بىرىڭلارغا قەدىئىي ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار . ئەر-ئايال بىر -بىرىگە ھالال ، باشقا ھەرقانداق يات جىنىسقا ھارامدۇر . بىر -بىرڭلارغا مۇتلەق تەئەللۇق تۇرۇپ يەنە سىرتىلارغا تەلمۇرمەڭلار ، نىكاھقا ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار . نىكاھقا سەممىمىيەتسىزلىكقىلغانلار چوقۇمك...

  • ئەر-خوتۇنلار بىرلىكتە چېنىقسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ

    كۆپ يىللىق ئىسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر مۇنچە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولىدۇ،شۇڭا بىز تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى؛تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولمىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ تولىسىنىڭ ئوخش...

  • ئەقىللىق ئاياللارلا ئېرىنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلىدۇ

    1-قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇسىزگە بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلىپ ،تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن سۈيگۈسىنى قەلبى بىلەن ئىپادىلىدى ،سىز ئۇنىڭ سۈيگۇگە تولغان قەلبىنى ئۇياتلىق كۈزلىرىڭىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز؛ 2-قېتىملىق ئاشىق-...

  • ئىزىلگەن يۇرەك

    ئىزىلگەن يۈرەك شۇ تاپ قەلبىم مۇزلاپ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەس بولدى. چۈنكى ساپ سۆيگۈم سىنىڭ ئەشۇ بىپەرۋا ھالىڭ بىلەن بەربات بولدى . سىنى شۇنچە سۇيەتتىم سەن ئۈچۈن ھەتتا ھەممە ئىشقا ھەم رازى ئىدىم لىكىن سەن مىنى ،مىنىڭ پاك قەلبىمنى داغلاپ يۈرەۈمنى ئوت...

  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...

  • ئەر خۇتۇنلارنىڭ جىدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز

    ئەرخۇتۇنلارنىڭ جېدەللىشىشىگە دائىر توققۇز پەرھىز (1) قارشى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق تەرپىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كېرەك . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مەلۇم ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ . سىزنىڭ جۆرىڭىز ھەرگىز سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس ، شۇنداق ئىكەن ، سىز ئۇنىڭ ئاجىزلىق...