ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا سەككى...

ۋاقتى:2011-12-03 18:57مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
    

ئىز تورى www.iz.la

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلىمىزنىڭ 2011-يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. ئېلىمىز ئاشلىقتىن يەنە بىر قېتىم مول ھوسۇل ئالدى، مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا سەككىز يىل ئاشتى، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 550مىليون توننىغا يەتتى. بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 571مىليون 210مىڭ توننا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلدى، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 24مىليون 730مىڭ توننا، يەنى %4.5 ئاشتى. بۇنى يېڭى تارىخىي رېكورت يارىتىلدى، 2020-يىلىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىگە يەتتى دېيىشكە بولىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇرۇنقى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەكلىدىكى كەڭ كۆلەمدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا، مەھسۇلات مىقدارى ئۆتكەن يىلى ئۇدا يەتتە يىل ئاشقان ئىدى، بۇ بۇ يىل ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرىدە ئېشىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئاساسىي سانىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى ئاساسىدا بولغانلىقى، ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىك بار: بىرىنچىدىن، يازلىق ئاشلىق، چىلگە شال، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ھەممە پەسىلدە ئاشتى، ئىككىنچىدىن، شال، بۇغداي، كۆممىقوناقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ زىرائەتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتتى. كۆممىقوناق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىشى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. ئۈچىنچىدىن، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %90دىن كۆپ ئاشقان قىسمى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلەشتى. ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 50مىليۇندىن توننىدىن ئاشقان خېيلۇڭجياڭ، خېنەن ئۆلكىلىرىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى 2011-يىلى يەنىمۇ كۆپىيىپ، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم ئايرىم 55مىليون 710مىڭ توننا ۋە 55مىليون 430مىڭ توننىغا يەتتى. ئەمما بىر قىسىم رايونلار، مەسىلەن گۇيجۇ، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئازىيىپ كەتتى. ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا سەككىز يىل ئاشتى، بۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسى ۋە پەن-تېخنىكا قوللانغانلىقتىن بولدى، ئۇلار ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساس. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن سىياسەتنىڭ تۈرتكىلىك رولى چوڭ بولدى، بۇ يىل ئېلىمىزدە ئاشلىققا ئىشلىتىلىدىغان يېزا-ئىگىلىكىدىكى تۆت تولۇقلىما 140مىليارد 600مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %17 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئاشلىق بىرلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇلما تەڭشەشنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ، بۇ يىلنىڭ ھاۋارايى ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئۇنداقتا، بۇ يىل مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %4.5 ئېشىشىنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟ ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ سان ناھايىتى قالتىس ھېسابلىنىدىكەن. ئېلىمىزدە 5مىليون كىلوگرام بىر ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ، 500مىليون توننىدىن 550مىليون توننىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بىز ئون نەچچە يىل تىرىشتۇق. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 300مىليون توننىدىن ھازىرقى 570مىليون تونىغا يېتىپ، بەش ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ يىل مەھسۇلات مىقدارى ئاخىرى مىليون توننىدىن ئاشتى، ئاخىرى بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتتۇق، جۇڭگونىڭ يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات تارىخىدا، بۇ يىل نامايەندە خارەكتېرلىك بىر يىل بولدى، بىز ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتا سەككىز يىل تىرىشتۇق، بۇ يىل مەھسۇلات مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مۇشۇنداق ئېشىشى، بىزنىڭ بارلىق مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بۇنداق كۆپ ئېشىشى، ئېلىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاشلىققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، بىزنىڭ ئاشلىقتىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بىرىدۇ، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بۇنداق كۆپ ئېشىشى دۇنيانىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگىمۇ ئىجابىي ئۇچۇر بەردى، دۇنيادا ئەمدى ھېچكىممۇ جۇڭگونى ئاشلىق باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى دەپ ئەيىبلىيەلمەيدۇ، شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، بۇ دۇنيا خەلقىگە خوش خەۋەر. جۇڭگو نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىنتايىن مۇھىم، ئاشلىق بولمىسا مۇقىملىق بولمايدۇ دەيمىز، %4.5 ئېشىش، بىزنىڭ پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرىشىمىز ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...