دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا 10 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان شىئەندىكى فەنجى گۆش نان ئاشپۇزۇلىدىكى «14-نويابىر» گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبلىك يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى مەلۇم قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋەقە ئۇششاق كارخانىلار ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى بىخەتەر ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش جەھەتتە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. www.iz.la
11-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 7دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە شىئەن شەھىرىدىكى جاتيەن خەلقئارا تۇرالغۇسىنىڭ ئاستىدىكى فەنجى گۆش نان ئاشپۇزۇلدا گاز چىقىپ كېتىپ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 كىشى قازا قىلدى، 36 كىشى يارىلاندى. ئۆلگەننىڭ بىرسى مۇشۇ ئاشپۇزۇلنىڭ خىزمەتچىسى، توققۇزى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار، ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغانلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، بىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. ئىز تورى بەك ياخشى
دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ ئاشپۇزۇل ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام كېلىدىغان ئۇچ تۇڭ گاز ئېلىپ كېلىپ، ئاشپۇزۇلغا قويۇپ قويغان. ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاشپۇزۇلنىڭ بىر قىز مۇلازىمى ئىشكنى ئېچىپ كىرگەندىن كېيىن غەيرى پۇراقنى سېزىپ، گاز چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ گۇمان قىلىپ، خوجايىنىغا تېلېفون بەرگەن، شۇ ئارلىقتا تۇيۇقسىز پارتلاپ قوشنا ئالتە دوكانىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، زەخىملەنگەن يەرنىڭ كۆلىمى 15000 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ . ئەتراپتا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىملەنگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى. دەسلەپكى تەھلىلگە قارىغاندا، ۋەقەنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى- سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز چىقىپ كەتكەن، چىقىپ كەتكەن گاز ھاۋا بىلەن ئارىلىشىپ پارتلاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئوت بىلەن ئۇچرىشىپ پارتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. ۋەقەنىڭ تەپسىلىي سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە. ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى باشلىدى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ۋەقە بىر قىسىم ئۇششاق كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى گەۋدىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تونۇشىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى، خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى ئىشلىتىش ھالقىلىرىدىكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش خىزمىتىدە يوچۇق بارلىقى، نازارەت قىلىش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنىڭ جايىدا بولمىغانلىقى، ئۇششاق كارخانىلارنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى. www.iz.la
بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ھەقىقى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى ئىشلىتىش ھالقىلىرىدىكى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ ئۈچۈن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى مۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقى كۈچەيتىش؛ 2- مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ 3-بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تىزگىنلەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسى گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ 4-ۋەقەنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەقەدىن ئالغان تەجرىبە ساۋاقلار ئارقىلىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.