تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بوۋاقلار سەۋەبسىزلا يىغلاپ كەتسە، ئادەمنى بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىتىپلا قالماي، بەلكى ياش ئاتا-ئانىلارنى ھارغۇزۇپ، كاردىن چىقىرىدۇ. يېقىندا، گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئىشتاتى پۈتۈن ئىشتاتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەخسۇس بوۋاقلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا قارىتىلغان يىغلاش بويىچە كېسەل كۆرۈش ئورنىدىن 50 نى تەسىس قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يىغلاش بويىچە كېسەل كۆرۈش ئورنى گېرمانىيەدە خېلى بۇرۇنلا بار ئىدى. مىيۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى يىغلاش بويىچە مەخسۇس كېسەل كۆرۈش ئورنى ھازىر 16 يىللىق تارىخقا ئىگە. مۇخبىر كېسەل كۆرۈش ئورنىغا كىرىپلا گۈلدۈر-گۈلدۈر قىلغان غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلىدى. مۇخبىرغا ھەمراھ بولۇۋاتقان بالىلار دوختۇرى دوكتور ئانتون چۈشەندۈرۈپ: «بۇ بوۋاقلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ياتقان چاغدا ئاڭلايدىغان تاۋۇش، ئۇ يىغلاپ قەغىشلىك قىلىۋاتقان بوۋاقلارنى تىنچلاندۇرالايدۇ» دېدى. copyright by www.iz.la
سېسترانىڭ چاقىرىشى بىلەن ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدىكى ئالتە ئايلىق بولغان لېئان «داۋالاش ئۆيى» گە ئېلىپ كىرىلدى. دوختور رىبوك بالىنىڭ ئاپىسىدىن بەزى مەسىلىلەرنى سورىدى، ئاندىن بىر كىچىككىنە مىكروفوننى يىغلاۋاتقان بالىنىڭ ئالدىغا قويدى. مىكروفون تېبابەت ئىلمىي بويىچە تەھلىل قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان كومپىيۇتېرغا ئۇلانغانىدى، بالىنىڭ يىغا ئاۋازى كومپيۇتېرغا كىرگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر ئېكرانىدا تەھلىل خەرىتىسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدا بالىنىڭ يىغلاش چاستوتىسى، ئاۋاز تەلەپپۇزى، يىغلاش ۋاقتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى قاتارلىقلار كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. لېئاننىڭ يىغىسى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىدىن قاتتىق، تەۋرىنىش دەرىجىسى بىنورمال بولغاچقا، دوختۇر رىبوك ئۇنىڭغا: «لېئاننىڭ ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ نېرۋىلارنى تىزگىنلىشى تۇراقسىز ئىكەن» دەپ دىياگنوز قويدى. ئىز تورى بەك ياخشى
دوكتور ئانتون مۇنداق دېدى: يىغلاڭغۇ بوۋاقلارنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ، ئەڭ ئاساسلىق بولغان «يۆگەك ئۇسۇلى» نى ئالساق، بۇنىڭدا بوۋاق ئۆزىنى بالىياتقۇغا كىرىپ ياتقاندەك، بالىياتقۇ تاملىرىنىڭ چىڭ قىسىپ تۇرۇشى ئىچىدە مۇھاپىزەت قىلىنىپ تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. يەنە شوراش ئۇسۇلىمۇ بار بولۇپ، بۇ ياۋروپادا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ بالىغا ئىمزەك ئەمگۈزۈش بولۇپ، ئىمىزگە شوراش بالىنىڭ ئۇخلاپ قالغان نېرۋىلىرىنى جانلاندۇرىدۇ. مۈشكۈلچىلىكتە قالغان ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرىش گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇنداق كېسەك كۆرۈش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىشتىكى يەنە بىر مۇھىم مۇددىئاسى ھېسابلىنىدۇ. بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، ئەگەر بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى ئەمگۈزۈش، تەۋرىتىش، ناخشا ئېيتىشلارنىڭ ھېچقايسىسى توختىتالمىغان بولسا، بۇ، ئاتا-ئانىلارنى نېمە قىلارىنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ناھايىتى قىينايدۇ. بوۋاقلار ئۇدا نەچچە سائەتلەپ يىغلاۋەرسە، ياش ئاتا-ئانىلار ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ. بەلكى ئەڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلار بالىنى قاتتىق تەۋرىتىش نەتىجىسىدە بالىغا تەسىر يېتىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «گېرمانىيەلىكلەر ئەڭ قورقىدىغان ئاۋازلارنىڭ رەت تىزىملىكى» نىڭ ئەڭ بېشىغا تىزىلغىنىمۇ بوۋاقلارنىڭ يىغا ئاۋازى ئىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!