ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىغا مۇناسىۋەتلىك ...

ۋاقتى:2011-11-30 13:51مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىككى چوڭ سىياسەت ئاممىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. بىرىنچى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمسى ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل تىپىنى تاللاش مۇندەرىجىسىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى»نى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى سېتىۋالىدىغان، ھۆكۈمەت ئىشىغا ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، ۋەزىپە ئۆتەشكە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل موتورىنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى 1.8 لىتىردىن، باھاسى 180 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ ئېنىق تەلەپ قىلدى. ئىككىنچى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى يېقىندا «ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن-تۈزۈم يولىغا سالدى، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلنى سەپلەش پىرىنسىپى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ماي سەرپىياتى ۋە رېمونت قىلىش، ئاسراش ھەققىنى باھالاش، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلنى باشقۇرۇشقا دائىر جازالاش تەدبىرلىرى يۈكسەك قاراتمىلىققا ئىگە قىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-تۈزۈم ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى نامايان قىلىندى. ئۈچ تارماق بىرلىكتە ئېلان قىلغان «پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل تىپىنى تاللاش مۇندەرىجىسىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى»دا، «موتورنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى بىلەن ئاپتوموبىل باھاسىغا چەك قويۇش» ئەڭ يارقىن نۇقتا بولدى، گاز چىقىرىش مىقدارى 1.8 لىتىردىن، باھاسى 180 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئېنىق بەلگىلەندى. قانداق قىلغاندا ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىنكى رېمونت، ئاسراش خىراجىتىگە ئەھمىيەت بەرگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن پىكىر ئېلىنغاندىن كېيىنكى «ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» ئارقىلىق نازارەتنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن: «ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» دا، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىشتا، ئەرزان-قولاي بولۇش، ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا-تۆۋەن دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارنى سەپلەش مەخسۇس تەكىتلەندى. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئاپتوموبىل سەپلەشكە توغرا كەلگەندە، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل سەپلەش ئۆلچىمىنى كەسكىن ئىجرا قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ئىشتاتى بىلەن سانىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلنى سەپلەش، يېڭىلاش، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئورگان ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشكە كېرەكلىك مال ۋە مۇلازىمەتنى سېتىۋالغاندا، تولۇق رىقابەتكە چۈشۈش، ئەرزان - قولاي بولۇش، سۈپەتلىك - باھاسى ئەرزان بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ھازىرقى ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ھالقىسىدا ساقلىنىۋاتقان قىسمەن يوچۇقلارنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرغىلى، قىسمەن 4S دۇكانلىرىنىڭ رېمونت قىلى−ش ۋە ئاسراش يولى بىلەن «ھۆكۈمەت پۇلىنى خەجلەش»، زاۋۇت بېكىتكەن باھاغا يەنە باھا قوشۇپ سېتىش ئەھۋالىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنى قانۇن-تۈزۈم يولىغا سېلىش «ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»دا ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مەسىلەن: پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى خامچوتتا بەلگىلەنگەن نورما ۋە چىقىم ئۆلچىمى بويىچە ئورگانلارنىڭ خىراجەت خامچوتىنى بېكىتىشى؛ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە (چېگرا ئاتلاپ) كوماندىروپكىغا چىقىش خىراجىتىنى خامچوتقا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇشى، ئۇنىڭ ئورگان خىراجىتى خامچوت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن كۆلىمى ۋە نىسبىتىنى قاتتىق تىزگىنلىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. ئۇنىڭدا «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ ئىشى»غا ئىشلىتىلىدىغان خىراجەتنى چىقىم قىلىش پىلانى تۈزۈش، باشقا خامچوت مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلەتمەسلىك، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتنى يۆتكەپ باشقا ئىشقا ئىشلەتمەسلىك تەلەپ قىلىندى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئورگانلارنىڭ خىراجىتى ۋە مەبلەغ باشقۇرۇشى قېلىپلاشتۇرۇلغاندىن سىرت، قانۇنىي جاۋابكارلىق چىڭىتىلدى، يەنى، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىدا قانۇن-تۈزۈم يولىغا سېلىش ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا بولدى. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ۋە قاتناش جەريانىدا كۆرۈلگەن خىلمۇخىل مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە ھەل قىلغاندا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتى نامايان بولىدۇ، بۇ، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقنىڭ ئارزۇسى. 

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


     
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...