‹‹كىمنىڭ تىنچ ئوكيان ئەسىرى››؟

ۋاقتى:2011-11-21 20:53مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  


ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنى ھاۋاي شىتاتىدا يېڭىلا ئاخىرلىشىپ، شەرقىي ئاسىيا سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ باشلىقلار يىغىنى يەنە ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ قارا تۇمىنى ھەممە يەرنى قاپلىغان، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالى غۇۋا بولىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئارقىسىدا، ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىجىل مۇقىم تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغاپ، «تىنچ ئوكيان ئەسىرى» يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئىز تورى www.iz.la

10 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى پرېزدېنتى كىچىك بوش: «ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. مەن 21-ئەسىرنىڭ بىر تىنچ ئوكيان ئەسىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن»دېگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋەزىيىتىدىكى ئالدىن كۆرەرلىك ئىپادىسى ئۇنىڭ بىشارىتىنى ئىسپاتلىغاندەك قىلىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 ئامېرىكا كاتېرپىللار(Caterpillar) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوگ ئوبېرخېلمان(Doug Oberhelman) نۆۋەتتىكى پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى « ئىككى يېرىم شار» ئارقىلىق يىغىنچاقلىغان: « بىرىنچى يېرىم شار» يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى ئاساس قىلغان ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونى، «ئىككىنچى يېرىم شار» ئەنئەنىۋى تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر توپلاشقان ياۋروپا رايونى. تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىي موتورى ئىشلىمىگەن پەيتتە، ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يېڭى يەرشارى ئەھمىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر قانداق قىلىپ ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ياخشى رول ئېلىشنى ئويلاشماقتا. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىككى ئوكيانغا تۇتاشقان ئامېرىكىنى بۇ سەھنىدە ئىنتايىن كۆزگە چېلىقىپ ھەممە يەردە نۇتۇق سۆلەپ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر 10 يىل ئىلگىرى كىچىك بوش تېخى «تىنچ ئوكيان ئەسىرى» نىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىش باسقۇچىدا تۇرغان بولسا، ھازىرقى ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ ئۇقۇمغا «ئامېرىكىنىڭ» دېگەن ئېنىقلىغۇچىنى قوشۇپ قويدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كېلىنتون « دىپلوماتىيە سىياسىتى» قوش ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانىدا «ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ئەسىرى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدىكى ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق بايان قىلىپ: «دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، ئىستراتېگىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى زور دەرىجىدە كۆپەيتكەن سېلىنمىسىنى ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراتقانلىقىنى ئېيتتى». copyright by www.iz.la

يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكا پىرېزدېنتىئوباما ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسەتتى. ئەنگلىيەنىڭ «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» كىنايە قىلغان ھالدا ھونولۇلۇدىكى ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئوباما باشقا ئىشلارنى سۆزلىمەي، پەقەت ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە بۇ يەردە قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندەك قىلىدۇ،-دېدى. www.iz.la

بۇ ھەپتىدە ئوباما يەنە توختىماي ئاۋسترالىيەگە بېرىپ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي ئىشلار مەۋجۇدلۇقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ھەدەپ سۆزلىدى. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ ئالتىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئوباما شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان تۇنجى ئامېرىكا پىرېزدېنتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 بىراق، دەۋر ئوخشىمايدۇ بىر دۆلەت خەلقئارا ياكى رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئىش دۇنيا ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شەرقىي ئاسىيا ئىتتىپاقىدىكى 10 دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق گەۋدە قورۇلۇشىنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈزلۈكسىز ھالدا ‹‹ X +10›› مېخانىزمى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بولغان سۆزلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى. دەل بۇ قېتىمقى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخانى پىرېزدېنتى سۇسىلو ئېيتقاندەك « ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىنى يالغۇز بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشى ئەمدى ئاقمايدۇ». ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بىر غەرب تاراتقۇچى چۈشەندۈرۈپ: سۇسىلونىڭ سۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى: 21-ئەسىر پەقەت ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ئەسىرى بولماستىن، بەلكى « بارلىق كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان تىنچ ئوكيان ئەسىرى بولۇشى كېرەك» دېگەنلىك دېدى. copyright by www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...