مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
سىز روخسەت قىلماي تۇرۇپ ، ھىچكىم سىزنى كەمسىتەلمەيدۇ .
ھەرىكەتسىز ئارزۇ ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك ، ئارزۇسىز ھەرىكەت قارا باسقانلىق .
كىشىلەر دەسلەپ ئېتىبارسىز قارايدۇ ، ئاندىن مازاق قىلىدۇ ، كەينىدىنلا قارشى پىكىردە بولىدۇ . سىز پەقەت ئۆز مەيدانىڭىزدا مەھكەم تۇرالىسىڭىزلا غەلىبە ھامان سىزنىڭ بولىدۇ .
ئېرسىيەتنىڭ قانۇنىيىتى : قارشى ئېلىنمايدىغان بارلىق خاراكتېر ئىككىنچى بىر تەرەپتىن كەلگەن بولىدۇ .
دوست خۇددى تاتلىق قوغۇنغا ئوخشايدۇ . بىر نەچچىنى تېتىغاندىن كېيىن ئاندىن قايسىسىنىڭ ئەڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىز . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دوست تېپىش ئۈچۈن يۈز ئىش قىلىشىڭىزغا توغرا كەلگىنى بىلەن ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا بىر ئىشلا كۇپايە.
ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئامال ياخشى دوست تېپىش .
ئادەم كىچىكىدىلا ئۆلۈپ كەتمىسە ، ئۇ چوقۇم نۇرغۇن جەبىر-جاپا تارتىدۇ .
قۇرۇلۇش ماتېرياللىرى ئۆي سانالمىغىنىدەك ، بىلەرمەنلىك ئەقىل-پاراسەت ئەمەس .
دوستۇڭدىن دۈشمەن ئەھۋالىنى يوشۇرما.
سىلەر مېنى ئۆزۈڭلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىمنى مەسخىرە قىلىسىلەر ، ئەمما مەن بىر بىرىڭلارغا ئوخشايدىغانلىقىڭلارنى مەسخىرە قىلىمەن .
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى ئىز تورى www.iz.la