ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىنى ت...

ۋاقتى:2011-11-06 17:04مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

   دۆلەتلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى 3-نويابىر قۇرۇلدى. ئاشكارىلىنىشىچە، ئېلىمىزدىكى ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشى ۋە ئۆلچەم تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىپتۇ. بۇ ئاۋامنىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تەرتىپكە سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. www.iz.la

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تېز ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى ئىستېمالى تېز ئاشتى. ئىگىلىشىمىزچە، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىدىن 2000 دىن كۆپرەكى بولۇپ، مەھسۇلات تۈرى 10 مىڭدىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىدىن 3200 دىن كۆپرەكى بولۇپ، مەھسۇلات تۈرى 7 مىڭدىن، يىللىق سېتىش سوممىسى 150 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش بىر ۋاقىتتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساسى سەل ئاجىز بولماقتا. بىرىنچىدىن، ئېلىمىزنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، گىرىم بۇيۇملىرىغا دائىر قانۇن-نىزام سىستېمىسى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن، ئېلىمىزدە ھازىرغىچە، «ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» چىقىرىلمىدى، شۇنداق بولغاچقا، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتىن تارتىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقىچە بولغان ھالقىلاردا ئاساسلىنىدىغان بەلگىلىمە يوق. «گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تازىلىقىنى نازارەت قىلىش نىزامى» 1990-يىلى 1-يانۋار يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە 20 يىل بولۇپ قالدى. بۇ نىزام نۆۋەتتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمايۋاتىدۇ، ئالايلۇق، بۇ نىزامدا گىرىم بۇيۇملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ياساشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ھەققىدە كونكرېت ئىزاھات بېرىلمىگەن ھەمدە بۇنداق قىلمىشلارنى مۇناسىپ جازالاش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

ئىز تورى www.iz.la

   ئىككىنچىدىن، ئېلىمىزنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى شەرتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئالاقىدار تېخنىكا تەلىپى ۋە تېخنىكا قېلىپى كەمچىل، ناچارلىرىنى ياخشى دەپ كۆرسىتىش، يالغاننى راست دەپ كۆرسىتىش، ھەمدە قانۇنسىز دورا قوشۇش قاتارلىق ھادىسىلەر ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىدە ئىشەنچ كىرىزىسى پەيدا قىلدى.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  ئۈچىنچىدىن، ئېلىمىزنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكىدا، يېمەكلىك ۋە گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ھۆكۈمەتنىڭ سۈپەت نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق ئاندىن بازارغا سېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سېتىش ۋە ئىشلىتىش داۋامىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ئەل ئارىسىدىكى تەرەپلەر كۆپ تەرەپتىن نازارەت قىلىدۇ، نۇقسان بار مەھسۇلات بايقىلىپلا قالسا، كارخانىدىن قاتۇرۇۋېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، مەملىكىتىمىزدە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، مەھسۇلاتنىڭ خېيىمخەتىرىنى نازارەت قىلىپ باھالايدىغان ۋە ناچار ئىنكاسنى نازارەت قىلىدىغان سىستېما، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى دېگەنلەر مۇكەممەل ئەمەس، شۇنداق بولغاچقا، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۇزاق مۇددەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش تەس. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاممىۋىي بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر مۇھىم ھالقا. ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسىدا، بۇ كومىتېتنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى: ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە تېخنىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، سىياسىي جەھەتتىن تەكلىپ بېرىش، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىنى باھالاش، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىك خېيىمخەتىرىنى باھالاش دوكلاتىنى چىقىرىش دەپ تەكىتلەندى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىش-ئېلىمىزنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى جىددىي ۋەزىپىسى. ئاۋام ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۆزلىرىگە بىخەتەر ئىستىمال شارائىتى يارىتىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. 
ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...