يېقىندا بىر دوستۇم بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرى توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالغانىدىم، ئۇ: _ بىز ئەرلەر چۈمۈلىدەك يىغىدىكەنمىز، خوتۇن خەق توخۇدەك چاچىدىكەن ئاداش! دەپ گەپ باشلىدى، _ گېپى تولا بولىدىكەن، بۇ خوتۇن خەق دېگەننىڭ، كىمنىڭ ئۇچىسىدا يېڭى كىيىم كۆرسە، شۇنى ئېلىپ بەر دەۋاتقان، يا ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن كارى بولمىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان خەقكەن. ھېيت _ بايرام كېلىپ قالسىغۇ بولدى، ئۆيدە جېدەل تۈگىمەيدۇ. ئۆتكەن يىلى دۆلەت بايرىمىدا «مېنى ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىسىز» دەپ تۇرۇۋېلىپ، باشقا بىر شەھەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەلدۇق. ئارقىسىدىنلا روزى ھېيت كەلدى. «ھېيتلىق كىيىم ئېلىپ بېرىسىز» دەپ تۇرۇۋېلىپ، 300 يۈەنگە ھېيتلىق كىيىم ئېلىپ بەردىم. 12 _ ئايدا قۇربان ھېيت كەلدى. قۇربان ھېيتلىقمۇ كىيىم ئېلىپ بەردىم. 1 _ ئايدا «يېڭى يىللىق سوۋغا بەرمەمتىڭىز؟» دەپ تۇرۇۋېلىپ، يەنە كىيىم ئالدۇردى. 2 _ ئايدا چاغان كېلىپ، چاغانلىقمۇ _ ئەتىيازلىق كىيىم ئالدۇردى. كەينىدىنلا «ئاشىق _ مەشۇقلار بايرىمى» كەلدى. بۇ بايرامدا «ئۈزۈك ئېلىپ بېرىسىز» دەپ تۇرۇۋېلىپ، ناھايىتى تەسلىكتە ۋەدە _ قەسەملەر بىلەن يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن ئېلىپ بىرىشكە كۆندۈردۈم ۋە ئۆزى ياقتۇرغان كىيىمدىن بىرنى ئىلىپ بېرىپ، ئەپلەپ _ سەپلەپ ئاغزىنى تۇۋاقلىدىم. شۇنداقتىمۇ بىر نەچچە كۈن ماڭا قاپاق ئاچمىدى. 3 _ ئايدا «خانىم _ قىزلار بايرىمى» كېلىپ، كىيىم _ كېچەك ۋە دوستلىرى بىلەن ئولتۇرغان رېستۇران چىقىمىنى تۆلەشكە بىر ئايلىق مائاشىم ئاران يەتتى. 4 _ ئايدا ئالداش بايرىمىدا ئالدىۋېتىپ، مېنى يەنە چىقىمغا ئۇچراتتى. ئەمدى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان ماي بايرىمىدا مېنى يەنە قانداق چىقىملار كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ياكى يەنە ساياھەت قىلغۇسى كېلىپ كېتەمدۇ ۋە ياكى بالىلار بايرىمىدا تېخى تۇغۇلمىغان قورسىقىدىكى بالا ئۈچۈن بىر نەرسە ئالدۇرامدۇ، بۇ ھازىرچە ماڭا نامەلۇم. بۇ پەقەت خۇتۇنۇمنىڭ ئىنسابىغا باغلىق. ياۋروپالىقلاردەك گۈلنى چوڭ بىلىدىغان ئىش بولسىغۇ، گۈل سوۋغا قىلىپلا قۇتۇلاتتۇق، لېكىن ئاياللىرىمىزنىڭ چوڭ بىلىدىغىنى لاتا _ پۈتىكەن ئەمەسمۇ، ئاداش!.... دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بۇ ئىش دوستۇمنىڭ ئائىلىسىدىلا ئەمەس، يەنە برزى ئائىلىلەردىمۇ مەۋجۇت. ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە سېلىق سېلىش بەدىلىگە كەلگەن تاشقى گۈزەللىك بولسا، ئەخلاق كاتېگورىيىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددى چاكىنىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەقىقىي گۈزەل ئايال ئەرلىرى بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە ياشاپ، يوق _ بارىنى تەڭ كۆرۈپ، بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تەڭ تۈتۈن چىقىرىدۇ. «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن» ماسلىق، «ئىككى نان تاپسا، بىرىدە داپ چېلىش» ، «تېشىدا ھېيت ئويناپ، ئىچىدە روزا تۇتۇش» ئەزەلدىن بىزنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى بۇزۇپ كەلگەن. شۇڭا بايراملىق سوۋغىنى قانداقتۇر چوڭ ماددىي بۇيۇم بىلەنلا ئۆلچىۋالماي، يۈرەك قېتىدىن چىققان سەمىمىي تىلەكلەرنىمۇ قىممەتلىك بايراملىق سوۋغا دەپ بىلەيلى. بارنى كىيىپ، كۆڭلى _ كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپمۇ، بايرامنى خۇشال _ خۇرام ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. قىسقىسى، ئەرلەر يانچۇقىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغىنىدىن ئاچچىق يۇتۇپ يۈرمىسۇن، ئۇلارمۇ بايرامنى خۇشال _ خۇرام ئۆتكۈزسۇن. يۇقىرىقىدەك ئاياللار! ئەرلىرىڭلارغا سىلىق سالماڭلار!
|