ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئۇلۇغچات ناھىيەسى بىرمۇ بالىنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جيا يۇڭ ، شۈ جۇاڭجى

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %90كە يەتكۈزۈلگەن. ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دولقۇن: ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپ يېزا – بازارغا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوبلاستقا مەركەزلەشكەن، ئوبلاست، ناھىيە بارلىق ئوقۇش ھەققى ۋە ياتاق ھەققىنى ئۈستىگە ئالغان››، دېدى.

    57 مىڭلا نوپۇسى بار بۇ نامرات چېگرا ناھىيەسى بەش يىلدىن بۇيان مائارىپقا 115 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. دولقۇن: ‹‹ناھىيەمىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتكەنلەرگە بىر قېتىمدىلا 2000 يۈەن، ئىچكىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆتكەنلەرگە 3000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدۇ››، دېدى.

    ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سەي چۈنخۇا ناھىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: ‹‹ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى ئوبلاست بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بىراق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا چوڭ››، دېدى.

    سەي چۈنخۇا پەرقنىڭ چوڭلۇقىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ناھىيە مائارىپىغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن چوڭقۇر ھېس قىلغان. 2011 – يىلىنىڭ بېشىدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرىدىكى ئالتە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى مەكتەپكە ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىشكە كەلدى، چاڭجۇ لەنلىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن ئالىي ئوقۇتقۇچى چۇخۇڭشيەن: ‹‹ھەر بىر تۈركۈمدە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بۇ جايدا بىر يېرىم يىل تۇرىدۇ، ياردەم بېرىش مۆھلىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئون يىل دەپ بېكىتىلدى، گەرچە بۇ جاينىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۇلارغا زور خىرىس بىلىنسىمۇ، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇشقا ئىشەنچىسى كامىل››، دېدى.

    چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە خەلقنى بېيىتىش بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ بالا ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇدى، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ناھىيەدە ئوقۇتقۇچىلار زور دەرىجىدە يېتىشمىدى.

    ‹‹300دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى كەمچىل ئىكەن››. مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ ئۇلۇغچات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ خۇي ئۈمىدلىك ھالدا: ‹‹بىر بالا شەھەرگە كىرىپ ئوقۇسا، بىر ئائىلىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ!››، دېدى.

    مانا بۇ ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ‹‹كىچىك قول ئارقىلىق چوڭ قولنى يېتەكلەش›› قۇرۇلۇشى. جاڭ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇلۇغچات ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق ئاز، ئىزچىل چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن چارۋىچىلارنى شەھەردە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەرگە كىرىپ ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلىش ناھىيەمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى. جاڭ خۇي ئوقۇتقۇچىلار يېتىشمەسلىك مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا: ‹‹ناھىيە سىرتتىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىشكە ئامال قىلىۋاتىدۇ››، دېدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!