2- نۆۋەتلىك شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يە...

ۋاقتى:2011-10-11 17:53مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

7-ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكىسى 18-ئۆكتەبىردىن 21-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كۆرگەزمە مەزگىلىدە تەشكىلى كومىتېت سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر مەخسۇس سورۇنى، ئېچىلىش مۇراسىمى، مەخسۇس مەيداندا كۆرسىتىش يىغىنى، سودىدا پۈتۈشۈش، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كۆرگەزمىدە يېشىل شىنجاڭ، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك ئاساسىي تېما قىلىنىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم داڭلىق ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلىرى تولۇق كۆرسىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر، مۇھىت ئاسراشچان، ئورگانىك، ساغلام، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، تەملىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى

ئىگەللىنىشچە، كۆرگەزمە مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، بىڭتۇەن ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى 840 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 548 ئى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق كۇزۇر كارخانىلار ئىكەن، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات تۈرى 2000 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، ئۆزگىچە مېۋە، قۇرۇق، يېڭى مىۋە ۋە ئۇنىڭدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، ئاشلىق، پاختا،ماي ۋە ئۇنىڭدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ يىل كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار ۋە سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ تەكلىپ قىلىنىش دائىرىسى ئىلگىرىكىدىن كەڭ بولغان، كۆرگەزمە كۆلىمى 13 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ئىكەن، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونى، ۋىلايەت ئوبلاست ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونى ۋە سېتىش رايونى، بىڭتۈەندىكى ھەرقايسى كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى كارخانىلار سېتىش رايونى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كۇرۇز كارخانىلىرى كۆرگەزمە رايونى دەپ ئايرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونى شىنجاڭنىڭ يەرلىك، بىڭتۇەن ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەرلىك ۋە بىڭتۇەن ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونى كۆلىمىنىڭ ھەرقايسىسى 200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك كۇزۇر كارخانىلار ۋە داڭلىق ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نۇقتىلىق كۆرسىتىلىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسى ۋە سېتىش رايونىدا ۋىلايەت، ئوبلاست ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش رايونىدىن 14 تەسىس قىلىنغان بولۇپ، يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە يەرلىكتىكى داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تولۇق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، بىڭتۈەندىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى كارخانىلار سېتىش رايونىدا بىڭتۇەننىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە يەرلىك داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرسىتىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتە چوڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، بازارنى ئېچىشنى مۇھىم نۇقتا، پىششىقلاپ ئىشلەپ، قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى نىشان، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، نۆۋەتتە ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتتى، دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئىستراتېگىيەلىك زاپاس بازا قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 40 مىليون موغا، 20 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدۇ، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2 مىليون 480 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلىدۇ، پاختىكارلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدۇ، ئورمان، باغ كۆلىمى 17 مىليون موغا، ئورمان، مېۋە مەھسۇلاتى 8 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدۇ، زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، كۆلەملىك باقمىچىلىق سەۋىيەسى ئاشۇرۇلىدۇ، ئاساسلىق زىرائەتلەر ئۇرۇقلۇقىنىڭ قاپلىنىشى %90 گە يەتكۈزۈلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى %80 گە ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك كۆلىمى بىر مىليون موغا يەتكۈزۈلىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش كۆلىمى 3 مىليون 800 مىڭ موغا، يېشىل يېمەكلىك خام ماتېرىيال بازىسى 6 مىليون 200 مىڭ موغا يەتكۈزۈلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 62 قۇرۇلىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...