ئالاھىدە زور قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بې...

ۋاقتى:2011-10-11 15:31مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى پات ئارىدا كۆرۈلىدىغان تۇمانلىق ناچار ھاۋا رايىنىڭ تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىگە بولغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، 9-ئۆكتەبىر كېچىلەپ جىددىي ۋېدىئولۇق يىغىن ئاچتى. مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ يىغىندا مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئالاھىدە زور تاشيول قاتناش ۋەقەسىنى ئۇقتۇردى، جايلاردىكى جامائەت-خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزدىكى رەھبىرى يولداشلارنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ساقچىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ناچار ھاۋا رايىدىكى تۈرلۈك تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاھىدە زور تاشيول قاتنىشى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. خۇاڭ مىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۇچكېلىۋاتقان تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش كېرەك. نۆۋەتتە، جايلاردىكى تاشيول قاتنىشى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قاتناشنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشتى؛ بولۇپمۇ يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر قانچە رايوندا تۇمانلىق ھاۋا رايىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى، ناچار ھاۋا رايى تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. جايلاردىكى جامائەت-خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، كۈچلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ناچار ھاۋا رايىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەۋدىلىك مەسىلىلەر، نۇقتىلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇش، بولۇپمۇ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مۇنداق تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك: ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتىگە چەك قويۇش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ ئاپتوبۇسلارنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ يۈرۈشىنى مەخسۇس تۈزەپ، نەق مەيداندىن باشقا قانۇن ئىجراسى ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تۇمانلىق ھاۋا رايىدىكى قاتناشنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆرۈش دەرىجىسى 50 مېتىرغا يەتمەيدىغان تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يوللارنى تاقاپ قاتناش كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قوشنا رايونلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، راۋانلاشتۇرۇش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئالدىن تەشكىللەش؛ قاتناش جىددىي تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، رەھبىرى كادىرلار خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ، ساقچى كۈچىنىڭ يوللاردا دىجورنىلىق قىلىشتا يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ 7 كىشىلىكتىن يۇقىرى ئاپتوموبىللارنى جەزمەن تەكشۈرۈش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يولۇچى سالغان ئاپتوبۇسلارنى بىردەك يولۇچىلارنى چۈشۈرۈپ باشقىغا يۆتكەپ، يۈكنى ئاشۇرۇپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ ماشىنا ھەيدەشكە ھەرگىز يول قويماسلىق، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتنى تۈگەتمەي تۇرۇپ قويۇپ بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ بېكەتتىن چىقىش، شەھەردىن چىقىش، تېز سۈرئەتلىك تاش يوللارغا كىرىش، تەۋەلىكتىن ئۆتۈش قاتارلىق ئۆتكەللەردىكى تەكشۈرۈش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقچى كۈچىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم ئۆتكەللەرنى چىڭ تۇتۇش؛ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتوبۇسنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، چارچاپ ماشىنا ھەيدەشنى قەتئىي توسۇش؛ كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسنىڭ كېچىدە يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، سەھەر سائەت 2 دىن سائەت بەشكىچە قاتنايدىغان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنى يېقىن ئەتراپتىكى مۇلازىمەت رايونىغا ياكى بېكەتلەرگە ئاپىرىپ دەم ئالدۇرۇش، سەھەر سائەت 1 دىن بۇرۇن نىشانغا يېتىپ بارالمايدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ قاتناش لىنىيەسىنى تېزدىن تەڭشەپ، كېچىدە بولۇپمۇ يېرىم كېچىدە ئاپتوبۇسنىڭ يۈرۈشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش؛ تۈرلۈك باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت بولۇش روھى بىلەن، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچىلار تىرانسپورت شىركەتلىرى ۋە شوپۇرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قائىدە تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئالاھىدە زور تاشيول قاتنىشى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھامان مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم. خۇاڭ مىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇمان قاتارلىق ناچار ھاۋا-رايىغا يولۇققاندا، رادىيو، تېلېۋىزور ، ئىنتېرنېت تورى، يول ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانى، يانفون ئۇچۇرى قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرى ۋە قاتناش جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئېلان قىلىپ، بىخەتەر ھەيدەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەسكەرتىپ، شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يولغا چىقىش لىنىيەسى ۋە ۋاقتىنى مۇۋاپىق تاللاش، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى سەمىگە سېلىش لازىم.  
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...