ياۋروپا مەرىپەت شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، جۇڭگودا تۇنجى تۈركۈم قىزلار مەكتىپى بارلىققا كەلدى. خې شياڭنىڭ، لېي جيېچيوڭ، سۇڭ ئائىلىسىنىڭ ئۈچ قىزى بولغان سۇڭ ئەيلىڭ، سۇڭ چىڭلىڭ، سۇڭ مېيلىڭ، دىڭ لىڭ قاتارلىقلار قىزلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگودىكى زىيالىي ئاياللارنىڭ ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى بۇنىڭ بىلەن يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ قىزلارنى تەربىيەلەشكە قاراتقان تەشۋىقاتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدا، تەخمىنەن 1908-يىللىرى سۇڭ جياشۇ ئون نەچچە ياشلىق ئۈچ قىزى سۇڭ ئەيلىڭ، سۇڭ چىڭلىڭ، سۇڭ مېيلىڭنى ئامېرىكا ۋېسلىي قىزلار ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئاشۇ يىللاردا، سۇڭ جياشۇغا ئوخشاش ئىدىيەسى ئىلغار، قىزلىرىنى ئوقۇتۇشنى خالايدىغان ھەم ئىقتىدارى بار شۇنداقلا چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىرىدىغان ئائىلىلەر كۆپ ئەمەس ئىدى. قىزلارنى ئوقۇتۇش نېمە ئۈچۈن قاتمۇ-قات توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ؟ قىزلار يەنە قانداق قىلىپ تەدرىجىي تەربىيەلىنىش، ئىدىيەسىنى ئاشكارا ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى؟ ھەتتا دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەينى چاغدىكى قىزلار ئوقۇيمەن دېسە ناھايىتى چوڭ بېسىمغا ئۇچرايتتى، بىرىنچى ئەڭ چوڭ بېسىم فېئوداللىق ئەخلاق بېسىمىدىن كېلەتتى، فېئوداللىق ئەخلاقتا قىزلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ئەخلاقلىق بولغانلىق دەپ قارىلاتتى. بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى جەمئىيەتتە ئاياللار تىل-ھاقارەتكە چىداپ ياشايتتى. چيۇ جىن كېيىن مۇنداق دېگەن: مەن ئوقۇيمەن دېگەندە ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ بېسىمىم ئېرىمدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ مېنىڭ ئوقۇشۇمغا قوشۇلمىغان، كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىلىم تەھسىل قىلىش، چەت ئەلدە ئوقۇشنى خالايدىغان نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى نىكاھتىن ئاجرىشىش، ئائىلىسىنى پارچىلاش بولغان. مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئاياللار، جۈملىدىن تۇنجى تۈركۈمدە ياپونىيەگە ئوقۇشقا بارغان ئاياللار يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن چەتئەلدە ئوقۇشنى تاللىغان. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن ئۇلار ئۇچرىغان جىنسىي بېسىم ۋە زىيانكەشلىك ئىنتايىن ئېغىر بولغان، ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ نىكاھلىق ئائىلە تۇرمۇشى ئەسلىدىنلا بەختلىك بولمىغان. شۇڭا ئاياللارنىڭ ئوقۇشنى، بولۇپمۇ چەتئەلدە ئوقۇشنى تاللىشى ئەينى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى بولغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتە يەنە بىر قەدەر ئالاھىدە يەرلىك مەكتەپ بولۇپ قىزلار مەكتىپى دەپ ئاتىلاتتى. مەسىلەن: تيەنجىن نەنكەي قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى، بۇ-يەن شيۇ ئەپەندى قۇرۇغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى نەنكەي مەكتىپى ئىدى. قىزلارنى بىر مەكتەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش تاكى دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەزگىلگىچە داۋاملاشتى. قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قىزلار ئىدى، قىزلار مەكتىپىدە جىنسىي باراۋەرلىك ئەھۋالى ياخشىلانغان، ئەينى چاغدا قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىش ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش ئىدى.
ئىز تورى www.iz.la
شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە، جۇڭگو ئاياللىرى سۇڭ ئائىلىسىنىڭ ئۈچ قىزىغا ئوخشاش تەدرىجىي چەت ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇپ، غەربنىڭ مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇغانلار ئەڭ كۆپ ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك ئىككىسى چيۇ جىن بىلەن فاڭ جۈنيىڭ ئىدى. ئۇلار قانداق ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەم ئىنقىلاب دولقۇنىغا ئاتلانغان؟ جۇڭگودىكى ھەقىقىي مەنىدىكى زىيالىي ئاياللار كوللېكتىپى قانداق دۇنياغا كەلگەن؟
ئەينى چاغدا جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ زامانىۋى مائارىپتا ئوقۇشى، بولۇپمۇ ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇش سانى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئىدى. جۇڭگو ئاياللىرى غەرب مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ناھايىتى ئاكتىپ ئاتلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك ئىككىسى بار بولۇپ، بىرسى فاڭ جۈنيىڭ ئىدى، ئۇ ئاساسلىقى ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، بۇ-ئىنقىلابنىڭ بىر خىل يولى ئىدى.
يەنە بىر يولدىكى ۋەكىللىك شەخس چيۇجىن ئىدى. ئۇ ياپونىيەدە ئىنقىلابىي تەشكىلاتقا كىرىپ، ئاياللار ئىنقىلابى تەشكىلاتى قۇرۇغان، ئاياللار گېزىتى چىقارغان، ئاياللار ئازادلىق ھەرىكىتىنى تەرغىب قىلغان. ئۇ يەنە داتۇڭ مەكتىپىدە جېجياڭ گۇاڭفۇ جەمئىيىتىنىڭ قوزغىلىڭىنى پىلانلىغان. گەرچە قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاياللار باشچىلىق قىلغان بۇنداق قوزغىلاڭ بۇرۇن ناھايىتى ئاز ئۇچرايتتى. بۇ-مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئويغىنىش ئىدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
يەنە ئاياللارنىڭ ئاڭ جەھەتتىكى ئويغىنىشىمۇ بار. ئۇلار بىرىنچىدىن پۇتنى بوغۇشقا، ئىككىنچىدىن، كىچىك خوتۇن ئېلىشقا قارشى تۇردى، ئۈچىنچىدىن ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ئۈچ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا جۇڭگودىكى زىيالىي ئاياللار كوللېكتىپىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇرۇن جۇڭگودىكى زىيالىي ئاياللار ئايرىم ساندىكى كىشىلەر دېيىلەتتى، مەسىلەن: باي ئائىلىلەردىكى ئايال زىيالىيلار دېگەندەك. ھەقىقىي مەنىدىكى زىيالىي ئاياللار كوللېكتىپى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە بارلىققا كەلدى. ئالدى بىلەن ئۇلار غەربنىڭ زامانىۋى مائارىپىنى قوبۇل قىلدى، ئىككىنچىدىن، ئاياللارنىڭ سىياسىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن تېرىشىپ كۆرەش قىلدى، ئۈچىنچىدىن، ئۇلار ئاياللارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتىنى شەكىللەندۈردى. ئىز تورى بەك ياخشى