ئەپسۇسلىنىمەن(بۇ بىر ھەقىقىي بولغان ئىش)!!!

ۋاقتى:2011-09-14 17:09مەنبە: يوللىغۇچى: رىزۋانگۈل چېكىلىشى:قىتىم
  
كەچ سائەت 5 لەردىن ئاشقان ۋاقىت.... مەن ئالدىرىغان ھالدا، تىز سۈرئەتلىك تاش يولدا ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر كىرا ماشىنىسىنى توسىدۇم، مەقسىدىم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا، يەنى ئۇ بولسىمۇ بالدۇرراق مەكتەپ قوروسىغا قەدەم بېسىپ، مۇئەللىمىمنىڭ بىھۇدە كايىشىدىن قوتۇلۇش، بىر ھەپتىلىك كۈنۈمنى خۇشال ھەم خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش....
     تەلىيىمگە ماشىنا شۇپۇرىنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ ۋە ياكى باشقا بىر سەۋەبلەر بارمىكىن توسىغان ماشىنامنىڭ ئىچىدىن بىرى توختاپ قالدى. كۆڭلۈمدە شۇنچە خۇشال بولۇپ كەتتىم، شوپۇرغا مەكتەپنىڭ ئىسمىنى دەۋەتكەندىن كىيىن، قوللىرىمدىكى ئېغىر نەرسە-كېرەكلىرىمنى تەستە يىغىشتۇرۇپ، ئۇھ دېيىشكە ئارانلا ئۈلگۈردۈم. ئەمدىلىكتە، ماشىنا ئىچىگە سەپ سېلىشقا باشلىدىم، ماشىنىدا شوپۇر بىلەن قوشقاندا جەمئىي 5 ئادەم ____ ئىككى ئەر، ئۈچ ئايال بار ئىدى. مانا بىر مىنۇت ئۆتۈپ ئىككىنچى مىنۇتى تېخى توشماي تۇرۇپلا،  مەن ماشىنا ئىچىنىڭ غەلىتە پۇراقلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇ نېمە پۇراق؟ ھە بىلدىم، ھاراق!!
www.iz.la

      ئاپلا، ئەجىبا شوپۇر ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدىگەندىمۇ؟ ۋە ياكى شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئاۋۇ ياش بايۋەتچىنىڭ قىلغان قىلقىمۇ يا بۇ؟ نېمىلا بولسا بولسۇن، مەن بالدۇرراق مەكتەپ ئالدىغا بېرىۋالسام بولاتتىغۇ؟ مانا مۇشۇنداق گادىرماچ خىياللار بىلەن ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز يېنىمدىكى يۈز-كۆزلىرىنى بوياق تۇڭىدىن چىققاندەك بويۇۋالغان خېنىمنىڭ ۋارقىراپ-جارقىرىشى خىيالىمنى بۆلدى. پەرزىمچە بۇ خېنىم 18-19 ياشلاردا ، بىراق ئۇنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن تەرەزدە كىيىنىشى،  ئالاقزادىلىك ئىچىدە، بىر قولى بىلەن شوپۇرنى ماشىنىنى توختىتىشقا شەرەتلەپ، يەنە بىر قولىدا، ھە دەپ كىچىككىنە سومكىسىدىن بىر نەرسىلەرنى ئاقتۇرۇشلىرى مېنىڭ دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە بالدۇرراق بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ، بۇ قىز بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى دوستىغا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   ماشىنا ئەنسىزلىك ئىچىدە، يول ياقىسىدا توختىتىلدى، ئىككى قىزچاق بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن ناھايىتى تېزلىكتە چۈشتى، مېنىڭ يېنىمدىلا ئولتۇرغان ئاۋۇ قىزچاق بىر نەرسىلەرنى ياندۇرۇپ، ھۆ قىلىپ يول بويىدا بىر دەم تۇرغاندىن كىيىن، يەنە ماشىنىغا چىقتى.  ماشىنىغا چىقىش بىلەنلا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن قىلىشقان سۆزلىرى قۇلىقىمنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى بولغاي، يەنە ئاڭلىماسلىققا تېگىشلىك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم.
 __ ئاداش، بۈگۈن ئولتۇرغان سورۇندىكى ھېلقى سېرىقراق يېگىت قانداقراقكەن؟
__ بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن تازا ئېچىشتىڭ، ئۆزۈڭ بىلەرسەن قانداقراقلىقىنى؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__ مېنىڭغۇ يەنە داۋاملىق ئېچكۈم بار ئىدى، بىراق ئاكام دېگەن ھارىمى تېلفۇن قىلىۋېرىپ......
__ تىلفۇن نۇمىرىڭنى ئالماشتۇرىۋەتسەڭ ياكى ئىتىۋالساڭ بولمامدۇ؟
__ بوپتىلا، كەتسە كەتمەمدۇ... كەچتىكى ئولتۇرۇشقا كېچىكىپ قالمىساقلا بولاتتىغۇ؟ ......
ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا پەقەتلا تاقىتىم قالمىدى، ئەمدى كاللامدا ئويلايدىغىنىم" دۇنيا نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ھە؟ بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىزچۇ؟ ئوغۇللار ئېچسە بوپتۇ دېدۇق، ئەمدى قىزلىرىمىزنىڭ ئېچكىنىگە نېمە دەيمىز؟ ...." دېگەنلەردىن ئىبارەت بولدى خالاس.
  شوپۇرنىڭ كەينى- كەينىدىن: " __ سىڭلىم، سىڭلىم...." دەپ چاقىرىشى مېنى خىيال دەرياسىدىن تارتىپ چىقاردى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ، نېمە دەيسىز دېگەن مەنىدە ئۇنىڭغا قارىدىم.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   شوپۇرنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى، ئۇ نۇرسىز كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە:" __ سىڭلىم، سىز نەدە چۈشۈپ قالاتتىڭىز؟" دەپ سورىدى.
                                                                                                          مەنبە: كۆڭۈل خاتىرەم
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...