بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن (نارسىدىلىكتە)،ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ،بالا ئېمىتىۋاتقان دەۋىردە ۋە ھەيىز كېسىلىپ كەنكەندىن كىيىن ھەيىز كۆرمەسلىك تەبىئىي ئەھۋال ھېساپلىنىدۇ.تۇغۇش يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ھەيىز كۆرمەسلىك تەبىئىي ئەھۋال ھېساپلىنىدۇ.تۇغۇش يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ھەيىز كۆرمەسلىكى كېسەللىك ھادىسىسىدىن ئىبارەت .ئۇدا ئۈچ ئاي ھەيىز كۆرمىگەندە ھەيىز كەلمەسلىك دەپ ئاتىلىدۇ.ھەيىز كەلمەسلىك ئەرەپچە <ئېھتىباسى ھەيىز >،پارىسچە <بەندەش ھەيىز >،لاتىنچە <ئامېنورىيە>(amenorrhea)،خەنزۇچە <闭经 > دەپ ئاتىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەۋەبى: ھەيىز كەلمەسلىك (ھەيىز سۇلۇش )نىڭ سەۋەپلىرى نۇرغۇن بۇلۇپ ،تەخمىنەن تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن : بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1.نەسىللىنىش ئەزالىرىنىڭ ئۆزىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە كېسەللىكلەر . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۇغما ھالدا بالىياتقۇنىڭ ياكى تۇخۇمداننىڭ بولماسلىقىدا ئەسلى ھەيىز كەلمەسلىك ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ (قىزلىق پەردە پۈتەي بولغاندا قان جىنسي يول بىلەن بالىياتقۇ ئىچىگە يىغىلىپ قالسىمۇ ،لېكىن ئىچكى جەھەتتىن ھەر ئايدا ھەيىز كېلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەيىز كەلمەسلىك ھېساپلانمايدۇ).كېسەللىكلەردىن بالىياتقۇ ياكى تۇخۇمداندىكى سىل كېسىلى تاناسىل ئەزالارنىڭ ئىچكى پەردىسىنى ۋە تۇخۇمداننىڭ خىزمىتىنى بۇزۇپ ھەيىز كەلمەس قىلىپ قۇيىدۇ.بالىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن نامۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ،بالىياتقۇنى زىيادە قىرۋىتىشلەرمۇ ھەيىز كۆرمەس قىلىپ قويىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2.ئىچكى بەزلەرنىڭ خىزمىتى بۇزۇلۇش ،تۇغۇتتىن كىيىن خۇن كۆپ كېتىشلەرمۇ ھەيىز كۆرمەسلىككە سەۋەپچى بولىدۇ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
3.سۇزۇلما كېسەللىكلەر ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقلىرى
مەسىلەن :بەزگەك ،ئۇزاققا سۇزۇلغان بۆرەك ياللۇغى ،ئېغىر ھالەتتىكى ئوزۇقلىنىش ناچارلىق ،كەمقانلىقلارمۇ ئۇزاق مۇددەت ياكى قىسقا بىر ۋاقىت ھەيىز كەلمەس قىلىپ قويىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
4.روھىي ئامىللار :بەزى ئاياللار ئېغىر روھىي غىدىقلىنىشلارغا ئۇچىرىغاندا ياكى تۇرمۇشتا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئەھۋالاردا ھەيىز كەلمەسلىككە ئۇچىرايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالامىتى ۋە داۋاسى :
1.كەم قانلىق تۈپەيلىدىن ھەيىز كەلمەي قېلىشتا مەزكۇر ئايال ئۇزاق نۇددەت كېسەل تارتقان ،ئاچ قالغان ،سۈپەتسىز ئۇزۇقلار بىلەن غىزالانغان ،قاتتىق جاپا چەككەن ،ھەزىم قىلىشى بۇزۇلغان بۇلۇپ ،بەدىنى ئورۇق ،رەڭگى سېرىق ،ماغدۇرسىز كېلىدۇ.بۇنداق سەۋەپتىن ھەيىز كەلمەس بۇلۇپ قالغاندا ،ئىمكان قەدەر ئاساسىي كېسەلنى داۋالاش كېرەك .مەسىلەن :ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى ،جىگەر خىزمىتى بۇزۇلغان بولسا ئۇنى داۋالاش ؛ئۇزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىقىدىن بولسا ئۇنىڭغا قارشى چارە كۈرۈش ،قان ئازلىقنىڭ باشقا سەۋەپلىرىگە قارشى چارە كۈرۈش كېرەك .ئۇمۇمىي بەدەننىڭ ئەھۋالىي ياخشىلانسا ،قان كۆپەيسە ھەيىز خۇنى ئايمۇ-ئاي كېلىشكە باشلاپ ،ھەيىز كەلمىگەندە كۆرىلىدىغان چىراي ئۆزگىرىش ،باش ئاغرىش ،بىئارام بۇلۇش ،تولا ئەسنەش ،ئىككى يوتا تېلىپ ئاغرىش ،تىل ئېغىرلىشىش ،دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىش ،ئىشتىھا تۇتۇلۇش ،كۆڭۈل ئاينىش ،غەلىتە نەرسىلەرنى كۆڭۈل تارتىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر بارغانسىرى يوقىلىدۇ.شۇڭا قان ئازلىق سەۋەبىنى تېپىپ ،شۇنىڭغا قارىتا چارە كۆرۈش ئەڭ ئاساسلىق چارىدىن ئىبارەت.بۇخىل سەۋەپتىن ھەيىز كەلمىگەنلەرگە تۇخۇم سېرىقىنى چالا پۇشۇرۇپ ،شېكەر بىلەن بىرىش ،سېمىز مىكىيان گۆشى ،قوي گۆشلىرىنى بىرىش ،سۈتنى پىشۇرۇپ شېكەر بىلەن ئىچكۈزۈش قاتارلىق ئۇزۇقلۇقنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى قۇشۇمچە قوللىنىش مۇمكىن .ئۇندىن باشقا يەنە مىللىي تىبابەت دورىللىرىدىن قان تۇلۇقلاش جەۋھىرى،ياكى شەربىتىنى ئىچىپ بىرىشنىڭ ئۈنىمى بەك ياخشى.
2.سوغۇقلۇق ۋە قۇيۇق خىلىتلار قاننى قۇيۇلدۇرۋەتكەنلىكتىن ،ھەيىز كەلمىگەندە كېسەل ئايالنىڭ بەدىنى سۇس ،ئاق بولىدۇ.تۇمۇرلىرى كۆكىرىپ كۆرىنىپ تۇرىدۇ.سۈيدىكى ئاق جىق كېلىدۇ؛ئۇيقىسى ئېغىر ۋە كۆپ بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋاللاردا قۇيۇق خىلىتلارنى سۈرۈش ئۈچۈن ئايارەج ۋە ھەببىي شەبيار بىرىش لازىم.زاغۇن ئۇرىقىنى سوقۇپ ،ئىسسىق سۇبىلەن ئىچسە ھەيىزنى ماڭدۇرىدۇ.گۈڭگۈرتنى سوقۇپ ئوتتا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىقى ياكى سۇ بىلەن ئىكۈزۈلسىمۇ ھەيىزنى ماڭدۇرىدۇ.يەنە زاراڭزا چېچىگىدىن 9-15 گىرامنى قاينىتىپ ئاچ قورساققا ئىچىلسە ھەيىزنى ماڭدۇرىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3.بالىياتقۇدا ئۆسمە پەيدا بۇلۇشتەك سەۋەپلەر بىلەن ھەيىز توختاپ قالغان ھاللاردا دوختۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ داۋالاش پايدىلىق .چۈنكى بەزى چاغدا ئادەتتىكى ئۆسمىنىڭ سەرتانغا(راك)ئايلىنىپ كېتىش ئەھۋاللىرى تەجىربىدە ئۇچراپ تۇرماقتا.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
4.روھىي ئامىللار تۈپەيلى ھەيىز توختاپ قېلىش كۆپىنچە ۋاقىتلىق ھادىسە بۇلۇپ ،سەۋەپنى يوقىتىشقا ياردەملىشىش ،روھنى قوزغىتىدىغان داۋائىمىشكى ،سۇمبۇل چۈشكەن باشقا مەجۇناتلارنى بېرىش ،ئۇخلىتىش چارىللىرىنى كۆرۈش لازىم بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن