1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جوردان سوتقا تارتىلغان. ۋاسكىتبول چولپىنى جوردان بىر فىلىم شىركىتى تەرىپىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلغان دەپ سوتقا تارتىلغان. 1963-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ۋاسكىتبول «ئۇچار ئادىمى»-مايكول جوردان ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا ۋاسكىتبول، كالتەك توپ، زەيتۇن توپ قاتارلىقلارنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 1.98 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ 1980-يىلى NBA غا كىرگەن. 1984-يىلى ئۇ چىكاگو بۇقا كوماندىسىغا كىرگەن. مايكول جوردان باشچىلىقىدىكى بۇقا كوماندىسى ئالتە قېتىم NBA نىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلى 10-ئايدا ئۇ قىمار ئوينىغاچقا، ۋاسكىتبول سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1995-يىلى 3-ئايدا ۋاسكىتبول سەھنىسىگە يەنە قايتىپ كەلگەن. ئۇ يەنە بۇقا كومانسىدىنى ئۇدا ئۈچ يىل چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن. 1999-يىلى بۇقا كوماندىسىنىڭ تېرېنىرى ئالماشقاچقا، جوردان يەنە بىر قېتىم ۋاسكىتبول سەھنىسىدىن چېكىنگەن.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئومۇميۈزلۈك يادرو تەجىربىسى قىلىشنى مەنئىي قىلىش شەرتنامىسى» بارلىققا كەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنىنىڭ 50-نۆۋەتلىك ماددىسىدا بۇ شەرتنامە ماقۇللانغان. بۇ شەرتنامە تارىختىكى قانۇن سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يادرو تەجىربىسىگە مەڭگۈ خاتىمە بېرىلگەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1985-يىلى بۈگۈنكى كۈن، جۇڭگونىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى. 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1988-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گىلبېرد بورىنى ئەۋج ئالغان. توققۇز كۈن ئىچىدە سائىتىگە 140 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن يامايكا، ھايتى، دومىنىكا، ھوندۇراس، مېكسىكا، ئامېرىكا قاتارلىق جايلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئىقتىسادىي زىيان 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان، مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان. زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغىنى مېكسىكا. كىشىلەر بۇ قېتىملىق بوراننى ئاتوم بومبىسىغا ئوخشاتقان. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور