11-سېنتەبىر

ۋاقتى:2011-09-11 12:21مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
    

www.iz.la

  2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا تارىختىكى ئەڭ ئېغىر بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نيۇ يورك دۇنيا تاشقى سودا بىناسى، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا تېررورچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئارقا ئارقىدىن ئۇچرىغان. بۇ دۇنيا سودا قوشماق بىناسى ئۆرۈلگەن، 3000 نەچچە كىشى قازا قىلغان. ئامېرىكا بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىنى بېن لادىن دەپ قارىغان ھەمدە ئۇنى قانات ئاستىغا ئالغا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بېن لادىننى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، بىراق قارشىلىققا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا شۇ يىلى 7-ئۆكتەبىر ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغان. ئون يىل ئاۋۋالقى 11-سېنتەبر ۋەقەسى يەر-جاھاننى زىل-زىلگە سالدى. تۆت ئايروپىلان بولاندى، 3مىڭدىن كۆپرەك كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 90 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ھازىرغىچە داۋالانماقتا، 400مىڭ كىشى چاڭ-توزاننىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. 10 يىلدىن كېيىن نيو-يورك دۇنيا سودا مەركىزى خارابىلىكىدە 105 قەۋەتلىك، ئېگىزلىكى 541مېتىر كېلىدىغان بىنا قەد كۆتۈرمەكتە، ئەمما كىشىلەر 10 يىل ئاۋۋالقى ئاشۇ كۈننىڭ ئاياغلىشىش بولماستىن بەلكى بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. تۆت ئايروپىلاننى بۇلىغۇچى زادى 19 ئەرەبمۇ ياكى ئۇلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ؟ 10 يىلدىن بۇيان، بۇ مۇنازىرە ئىزچىل توختاپ قالغىنى يوق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «سۇيىقەستى» كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ. 75 ئالىي دەرىجىلىك ئالىم ۋە داڭلىق پروفېسسوردىن تەشكىل تاپقان «11-سېنتەبر ۋەقەسىنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغۇچى ئالىملار» مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا يېڭى ئەسىر پىلانى» دەپ ئاتالغان كونسېرۋاتىپلار بۇ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى مەخپىي پىلانلىغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىراق، ئافغانىستان ھەتتا ئىرانغا زەربە بېرىدىغان باھانە تاپماقچى، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى- دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش. 2006-يىلى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، %36 ئامېرىكىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلاشقا قاتناشقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ياۋروپادا سۈيقەستنىڭمۇ زور بازىرى بار، «دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئالدامچىلىق» دېگەن كىتابتىن فىرانسىيەدە 200مىڭى سېتىلغان. ۋەقە يۈز بەرگەن 10 يىلدىن كېيىن، 11-سېنتەبر ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك سۈيقەست نەزەرىيەلىرى يەنىلا ئامېرىكىدا بازار تېپىپ، كىشىلەر ئارىسىدا، دۆلەتلەر ئارىسىدا، خەلق ئاممىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئىشەنمەسلىك پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. 11-سېنتەبر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋاقىت جەدۋىلى» بويىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بىر يۈرۈش ھۆججەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 2001-يىلى 9-ئايدا پىرېزىدېنت بوش «ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالىدى؛ 11-ئايدا يەنە دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى تەسىس قىلىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى؛ 2002-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بوش ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى 1-«ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلدى، تۇنجى قېتىم تېررورچى ئۇنسۇرلار ۋە دۈشمەن دۆلەتلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغان ئالدىن قول سېلىش ئىستراتېگىيەسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى. 1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جياڭ زېمىن بىلەن كىلىنتون ئوكرائىنادا رەسمىي كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون خارەكتىرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. 1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى شۇجىسى خروشوف قازا قىلغان. خروشوف 1894-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى دېھقان ئىدى. 1918-يىلى روسىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى،خروشۇف قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان. خروشۇف ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتا،ئۇ سوۋت ئىتتىپاقى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، سىتالىن دەۋرىدىكى قاتمال دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان. بىراق ئۇ ھاكىمىيەت تۇتقان ئاخىرقى مەزگىللەردە تەختتىن چۈشۈرۈلگەن، شۇندىن باشلاپ ئايلىقى 400 رۇبلىلىق مائاش بىلەن تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزگەن. 1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پۇتبول شاھى بېكىنباۋېر دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز. بېكىنباۋېر گېرمانىيەلىكلەرنىڭ پەخرى. ئۇنىڭدا كىچىكىدىنلا پۇتبول ئويناش قابىلىيىتى بار ئىدى. ئۇ پۇتبول ھاياتىدا نۇرغۇن شانلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ 1983-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن كىرىست مېدالىغا ئېرىشكەن. 1941-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى ئاڭلىتىش باشلىغان. شەنبېي شىنخۇا رادىيو ئىستانسىسى ئېنگلىز تىلىدىكى رادىيونى كۆپەيتىپ، خەنزۇتىلى ئاڭلىتىشىدىن كېيىن 20 مىنۇتلۇق ئېنگلىز تىلى خەۋەرلىرىنى ئاڭلاتقان، بۇنىڭدا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ فاڭجىن سىياسەتلىرى، ئازاد رايوندىكى خەلقنىڭ يېڭى تۇرمۇشى سۆزلەنگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىمتىھان نەتىجىڭىزنى تەكشۈرۋىلىك

    ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە مۇناسىۋەتلىك تور ئادىرىسى بار بولسىمۇ، لىكىن نەتىجە تەكشۈرىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدىن، تور بېكەت نورمال ئچىلماسلىقى مومكىن، شۇڭا ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىر قانچە تور بېكەتتىن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئىمتىھان نەت...

  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...