ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى:2011-08-11 10:27مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
   جىنسىي ئالاقىدە تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم:
بىرىنچى: كېسەللىك ھالىتىدە، ئەقەللىسى زۇكام بولۇپ قالغاندىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم.
ئىككىنچىسى: ھەيز كۆرگەن مەزگىلدە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ۋە ئاخىرقى ئىككى ئېيىدا ھەرگىز جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلماسلىق ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىكى، ئانا بىلەن ھامىلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
ئۈچىنچىسى: قورساقنى تويغۇزۇپلا  ۋە ياكى ئاچ قورساق جىنسىي ئالاقە قىلىش زىيانلىق. شەيخۇلرەئىس : ئاشقازىنى بۇزۇلغان ۋاقىتتا، شۇنىڭدەك قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش بىلەن كۈچلۈك بوشىتىلىشتىن كېيىن ، ھەيز ۋە قانلىق ئىچى سۈرۈشتىن كېيىن، جىسمانى ۋە نەپسانى ھەرىكەتلەردىن كېيىن، سىيىش ۋە چوڭ تەرەت چىقىرىش چېغىدا ، تۇمۇردىن قان ئالغاندىن كېيىن ئالاقە قىلىشتىن قېچىش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

تۆرتىنچى: ئۆزىنىڭ يېشىدىن چوڭ كىشىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش ئادەمنى بالدۇر كاردىن چىقىرىپ، مىزاجنى بۇزۇپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىكسىرى ئەزەم ناملىق كىتابتا مۇئەللىپ شەيخۇلرەئىستىن نەقىل كەلتۈرۈپ:ھەيزدار ئاياللار، كېسەل ئاياللار، بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلار، ياشانغان ئاياللار ۋە ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغان ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلىش ئەرلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق دېگەن.شەيخ بۇ ھەقتە ئۆز كىتابىدا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ھېسسىياتلىرى بىلەن ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ قۇۋۋىتىنى كېسىدۇ دەپ قالدۇرغان.
بەشىنچى:جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنلا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش، سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى يىيىش، سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ۋە ئىستىنجا قىلىش ناھايىتى زىيانلىق. لەززەت سىرلىرى ناملىق كىتابتا ئەرلەر جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن بىر چىنە ھەسەل سۈيى ئىچىشكە ئادەتلەنسە ، ئۇنىڭ ئەرلىك قۇۋۋىتى ئاجىزلاشمايدۇ دەپ قالدۇرغان. ئەلى ھاجى قۇرباننىياز ئەمچى بىر كىتابىدا :ھەر قېتىملىق جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ، تاناسىل ئەزا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇق لۆڭگە بىلەن سۈرتۈۋېتىپ. قولنى سۇپۇنلاپ يۇيۇپ، ئېغىزنى چايقاپ ، تاتلىق يېمەكلىكلەردىن خورما، ياڭاق ماتىڭى، ناۋات ، ھەسەل، ھەر خىل مۇراببا(ئىسسىققا مايىل بولسا كېرەك) گۈلقەنت ياكى كاۋاپ، تۇخۇم قاتارلىق قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەردىن ئازراق يەپ ، ئىسسىق يۆگىنىپ بىردەم يېتىۋېلىش شۇ كۈندىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جىنسىي مۇناسىۋەتلەردە  جىنسىي ھېسسىياتنىڭ قايتا قوزغىلىش ۋە ئۇزۇن داۋاملىشىشىنى ساقلاپ  جىنسىي ئاجىزلىقتىن خالىي قىلىدۇ ۋە بىر قىسىم جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئالتىنچى : نامۇۋاپىق ئۇسۇل ، شەكىللەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش ھەر ئىككى تەرەپنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. شەيخۇلرەئىس تېبابەت قانۇنىدا : خۇتۇن كىشىنىڭ ئەرنىڭ ئۈستىگە چىقىشىنى جىنسىي ئالاقىنىڭ  زەرەرلىك شەكلىدۇر. چۈنكى بۇنىڭدا ئۇرۇقنىڭ شىددەت بىلەن ئېتىلىشى نەتىجىسىدە دەببە(؟) بولۇش، ماياك كۆنجىشى، ئالەت تۆشۈكى ۋە قۇۋۇقنىڭ يارىلىنىش خەۋپى بار؛ ئالەت يولىغا ئايال تەرەپتىن بىر نەرسە ئېقىشىمۇ مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن.قايسىبىر كىتابتا (ئېنىق ئىسىمدە يوق) يانچە يېتىپ ئالاقە قىلىش بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ دەپ قالدۇرۇلغان.
يەتتىنچى: روھىي ۋە جىسمانى جەھەتلەردىن ھېرىپ  چارچىغاندا (بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىن) چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغاندا جىنسى ئالاقە قىلىش جىنسىي ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


سەككىزىنچى: ھەۋەس قوزغالمىغان ئەھۋال ئاستىدا زورمۇزور  ۋە ياكى ئۆزىنى مەجبۇرلاپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھەقتە شەيخۇلرەئىس : ئالاقە ساغلام ۋە ھەقىقىي ئىستەك بىلەن بولۇشى ، قاراش، ئويلاش، سىلاش، ۋە قىچىغلاش بىلەن بولماسلىق كېرەك. بەلكى ئۇ ئىستەك ئۇرۇق كۆپلۈكى ۋە توپلانغانلىقى بىلەن قوزغالغان  بولۇشى كېرەك. بۇلەر ئەرلىك قۇۋۋەتنىڭ ساغلام بولىغا ياردەم بېرىدۇ دەپ قارىسا  كېيىنكىلەر بۇلارنىڭ قاتارىدىن ئويلاش ۋە قاراش بىلەن قوزغالسىمۇ زەرەرلىك ئەمەس دەپ قارايدۇ.
توققۇزىنچى: بەدەن قىزىپ ياكى سۇۋۇپ تۇرغاندا ئالاقە قىلماسلىق كېرەك.شەيخۇلرەئىس : ئىسسىق جايلاردا ۋە ئىسسىق ۋاقىتتا ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بەدەن قىزىپ ۋە سۇۋۇپ تۇرغاندا ئالاقىدىن قېچىش كېرەك؛ بېراق بەدەن قىزىپ تۇرغاندا ئالاقە قىلىش ، سۇۋۇپ تۇرغاندا ئالاقە قىلغانغا قارىغاندا بىخەتەررەكتۇر. شۇنىڭدەك بەدەن ھۆل بولغاندىن كېيىن  ئالاقە قىلىش، بەدەن قۇرۇق ۋاقىتتا ئالاقە قىلىشتىن ياخشىراقتۇر دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئونىنچى: جىنسى ئالاقىدە بەك كۈچەپ كېتىش، ۋاقتى ۋە قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كېتىش زىيانلىق.ئالاقە ھەققىدە شەيخۇلرەئىس: ئالاقە ۋاقتىدا ئاخىرقى ئۇزۇقلۇق جەۋھىرىدىن بىر قىسمى بوشىتىلىدۇ ۋە بۇ شۇنداق زەئىپلەشتۈرۈدىكى باشقا بوشىتىشلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق زەئىپلەشتۈرمەيدۇ؛ بۇ ئۆز لەززىتى سەۋەبلىك روھ جەۋھەرلىرىدىنمۇ كۆپ مىقداردا چىقىرىدۇ دەپ قالدۇرغان. بۇنداق بوشىتىشلار ۋە چىقىملار كۆپەيگەنسىېرى بەدەننى سۇۋۇتىدۇ، مېڭىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، قۇۋۋەتنى يوقىتىدۇ.
ئون بىرىنچى: ھاراق ، نەشىگە ئوخشاش مەست ۋە كەيپ قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ ، كەيپلىكتە ۋە مەستلىكتە ئالاقە قىلىش جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
تۆرت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى:
پايدىلانغان ماتىرىياللار: مۇناسىۋەتلىك كىتابلار
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(244)
84.1%
ئالقىشلايمەن
(46)
15.9%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قوش خوتۇنلۇق ئەرلەرگە

    ئەتراپىمىزدىكى كۆپلىگەن ئەر ئۆمۈر بويى جۈپتى ھالال بىر قەدىناس ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، نىكاھنى مەسئۇلىيەت ئورنىدا كۆرمەيدىغان قىسمەن ئەرلەر خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشتىن ئىبارەت قانۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ يولدا ماڭماقتا. يېقىندىن بۇيان ئىككى...

  • مۇھەببەت ۋە مەسئوليەت

    مۇھەببەت بۇ دۇنيانىڭ يېرىم خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارىچە خۇشاللىقلاردىن بەھىرلىنىشكە ھەقلىق . ئائىلىنى ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرۋاتقان ئاياللارغا كۆيۈنش ، ئۇلارغا شادىلىق ئاتا قىلىش تولمۇ ئېسل پەزىلەتتۇر . ئەر ۋە بالا تەرپىدىن قىلىنىغان كىچىككىنە غەمخ...

  • ئەر -خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى قەلىبىنى تۇتاشتۇردىغان رىشتە ئورنىتىش كىرەك

    نۇرغۇنلىغان ئاشىق -مەشۇق ، ەر -خوتۇنلار مەسىلىلەر ئۈستىدە ياخشى چۈشنىش ھاسىل قىلالمايد ۇ. . شۇنىڭ بىلەن بەزىلىر ى ئىككىسنىڭ بىر -بىرنى ياخشى كۆرىدىغنا .كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . يەنە بەزىلىرنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەتتا ئۇقۇشماسلىق زىدىيەت يۈز بېرىپ ، بىر مەيدا...

  • ناۋادا يولدىشىڭىز سىزگە ئاسىيلىق قىلسا

    ھەققىي مۇھەببەت بولسا بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ . مۇھەببەتنىڭ ساھەسى ئىنتايىن تار بولۇپ ، كىچىكلىكتە پەقەت ئىككى ئادەمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا سىغدۇرالايدۇ . ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئادەمىنى ياخشى كۆرۇپ قالسىڭىز ، ئۇنداقىتا ئۇ مۇھەببەت بولمايدۇ . ئۇ پەقەت ھ...

  • ھەر -بىر كۈنىڭىز بەختلىك بولسۇن

    بىر -بىرىڭلارغا قەدىئىي ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار . ئەر-ئايال بىر -بىرىگە ھالال ، باشقا ھەرقانداق يات جىنىسقا ھارامدۇر . بىر -بىرڭلارغا مۇتلەق تەئەللۇق تۇرۇپ يەنە سىرتىلارغا تەلمۇرمەڭلار ، نىكاھقا ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار . نىكاھقا سەممىمىيەتسىزلىكقىلغانلار چوقۇمك...

  • ئەر-خوتۇنلار بىرلىكتە چېنىقسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ

    كۆپ يىللىق ئىسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر مۇنچە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولىدۇ،شۇڭا بىز تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى؛تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولمىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ تولىسىنىڭ ئوخش...

  • ئەقىللىق ئاياللارلا ئېرىنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلىدۇ

    1-قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇسىزگە بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلىپ ،تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن سۈيگۈسىنى قەلبى بىلەن ئىپادىلىدى ،سىز ئۇنىڭ سۈيگۇگە تولغان قەلبىنى ئۇياتلىق كۈزلىرىڭىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز؛ 2-قېتىملىق ئاشىق-...

  • ئىزىلگەن يۇرەك

    ئىزىلگەن يۈرەك شۇ تاپ قەلبىم مۇزلاپ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەس بولدى. چۈنكى ساپ سۆيگۈم سىنىڭ ئەشۇ بىپەرۋا ھالىڭ بىلەن بەربات بولدى . سىنى شۇنچە سۇيەتتىم سەن ئۈچۈن ھەتتا ھەممە ئىشقا ھەم رازى ئىدىم لىكىن سەن مىنى ،مىنىڭ پاك قەلبىمنى داغلاپ يۈرەۈمنى ئوت...

  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...