توي قىلىش ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس

ۋاقتى:2011-07-02 13:27مەنبە: يوللىغۇچى:تۇتىيا چېكىلىشى:قىتىم
         توي  قىلىش  _  قىز - يىگىت  ئىككى  تەرەپكە  مۇناسىۋەتلىك  ئىش .  پەقەت  ئۆزىدە  قارشى  تەرەپنى  رازى  قىلالىغۇدەك  شەرت  ھازىرلىغاندا،  ئاندىن  باشقىلارنى  تاللاشقا  ھەقلىق  بولالايدۇ.  ھە - قانداق  بىر  ياش  نىكاھلىنىش  ئالدىدا  ئۆزىنىڭ  ئومۇمىي  ئەھۋالىنى  دەڭسەپ  كۆرۈپ،  ئۆز - ئۆزىگە  < توي  قىلسام  بولارمۇ ؟  > دىگەن  سۇئالنى  قويۇپ  بېقىشى  كېرەك. 
        ھەر  بىر  ئادەمنىڭ  توي  قىلىشىدا  ھامان  ئۆزىگە  خاس  كونكرىت،  ئېنىق  مۇددىئاسى  بولىدۇ  ياكى  مۇھەببىتى  پىشىپ  -  يېتىلگەن  بولىدۇ  .  ياكى  ئۆز - ئارا  چۈشىنىش  ھاسىل  قىلغان  بولىدۇ .  مۇددىئا  ئېنىق بولماي  ،  ھاپىلا - شاپىلا  ئالدىراپ  توي  قىلىشقا  ھەرگىز  بولمايدۇ  .  چۈنكى،  توي  قىلىش  مۇددىئاسىنىڭ  توغرا  بولماسلىقى  بەخىتسىز  نىكاھنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدىغان  ئەڭ  ئاساسلىق  سەۋەبتۇر.  ناۋادا،  سىزنىڭ  توي  قىلىشتىكى  مۇددىئايىڭىز  تۆۋەندىكىدەك  سەۋەبلەردىن  بولسا  ،  سىزگە  نەسىھىتىمىز  شۇكى،  ئەڭ  ياخشىسى  ئۇنداق  توينى  قىلمىغىنىڭىز  تۈزۈك. 
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

1 .  ھېسداشلىق  يۈزىسىدىن  توي  قىلىش  ؛  قارشى  تەرەپنىڭ  مەلۇم  كەچۈرمىشىگە  ياكى  بىرەر  ئەيىبىگە  ھېسداشلىق  قىلىپ  ،  ئۆزىنىڭ  ياشلىق  باھارىنى  قۇربان  قىلىش  بەدىلىگە  ئۇنىڭغا  ئۆمۈرلۈك  ھەمراھ  بولۇشقا  رازى  بولۇش  .  بۇنداق  ھېسداشلىققا   چىن  مۇھەببەتتىن  ئاساس  سېلىنمىغان  بولسا  ،  ئۇ  رېئال  تۇرمۇشنىڭ  سىنىقىغا  بەرداشلىق  بېرەلمەيدۇ .  مۇشۇنداق  ئەھۋالدىمۇ  يەنىلا  قارشى  تەرەپتىن  ئايرىلىشقا  كۆزى  قىيماي ،  توي  قىلىشقا  بەل  باغلىسا  ،  ئۇ  ھالدا  ،  بۇنداق  نىكاھنىڭ  ئاقىۋىتى  بەختسىزلىك  ئېلىپ  كېلىدۇ، خالاس.  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2 .  كۆڭۈلسىز  ئائىلە  ۋە  ناچار  شارائىتتىن  قۇتۇلۇش  ئۈچۈن  توي  قىلىش.  بەزىلەر  توي  قىلىپ  چىقىپ  كېتىش  ئارقىلىق،  كۆڭۈلسىز  ئائىلە  تۇرمۇشىدىن  تېزرەك  قۇتۇلۇشنى  ئويلايدۇ.  بۇنداق  قىلىش  ئىنتايىن  خەتەرلىك.  چۈنكى  بۇ،  ئۆزىنى  بىر  بەخىتسىز  ئائىلىدىن  قۇتۇلدۇردۇم  دەپ  ئۇنىڭدىنمۇ  كۆڭۈلسىز  بىر  ئائىلىگە  ئىتتىرگەنلىك  بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ. 
3 .  ئىززەت - ئابرويى،  ئىجتىمائىي  ئورنىنى  ئۆستۈرۈش،  خىزمەتكە  ئورۇنلىشىۋېلىش  ئۈچۈن  توي  قىلىش.  بۇ  بىر  ئۇچىغا  چىققان  شەخسىيەتچىلىكتۇر.  بۇنداقلارنىڭ مەقسىتى  ئەمەلگە  ئاشقاندىن  كىيىن،  قارشى  تەرەپكە  بولغان  قىزغىنلىقى  ئاسانلا  يوقىلىپ  كېتىدۇ.  ئىز تورى بەك ياخشى
4 .  بىردەملىك  ھېسسىياتقا  بېرىلىپ  جىنسىي  ئالاقە  ئۆتكۈزۈپ  قويۇپ،  ئىلاجىسىزلىقتىن  توي  قىلىش .  بۇنداق  ئەھۋالدا  توي  قىلغان  قىز - يىگىتلەرنىڭ  بەخىتلىك  بولغانلىرىدىن  بەخىتسىز  بولغانلىرى  كۆپ  .  ئاجرىشىپ  كەتكەنلەرنىڭ  سانى  خېلى  يۇقىرى  نىسبەتنى  ئىگىلەيدۇ .  قانداقلا  بولمىسۇن،  جىنسىي  مۇناسىۋەت  ئۆتكۈزۈش  ئىككى  تەرەپنىڭ  توي  قىلىش  شەرتى  ھازىرلانغانلىقىنى  ئىسپاتلاپ  بېرەلمەيدۇ  _ دە. 
5 .  ئۆچ  ئېلىش  ئۈچۈن  توي  قىلىش.   بەزى  قىز - يىگىتلەر  مۇناسىۋەت  بۇزۇلغاندىن  كېيىن،  قىيداش  ياكى  ئۆچ  ئېلىش  نىيىتىدە  سېنىڭ  ئالدىڭدا  مەن  توي  قىلمىسام  ،  دەپلا  قارىغۇلارچە  بىرسى  بىلەن  توي  قىلىدۇ.  بۇنداق  مۇددىئا  بىلەن  توي  قىلىش  ئۆزىنىڭ  بەخت - سائادىتى  بىلەن  ئويناشقانلىقتىن  باشقا  نەرسە  بولماستىن،  ئاقىۋەت  بەخىتسىزلىكنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ.  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6 .  زېرىكىشتىن،  يالغۇزلۇقتىن  قۇتۇلۇش  ئۈچۈن  توي  قىلىش.  بەزىلەر  يالغۇزلۇقتىن  زېرىكىپ  ئۆزىگە  بىر  ھەمراھنىڭ  بولۇشى  ئۈچۈنلا  توي  قىلىدۇ.  بۇنداق نىكاھ  راستىنلا  كىشىنى  زېرىكىشتىن  خالىي  قىلالامدۇ  ؟  بىر - بىرىنى  ياخشى  كۆرۈشمەيدىغان، تونۇشمايدىغان   ئىككى  ئادەم  توي  قىلىپ  بىرگە  ئۆتسە،  بۇنداق  تۇرمۇش  تېخىمۇ  زېرىكىشلىك  بولمامدۇ  ؟ 
7 .  بىرەر  مۇددىئا  بولماستىن،  ئېقىمغا  ئەگىشىپ  توي  قىلىش.  تەڭتۈشلىرىمنىڭ  ھەممىسى  توي قىلىپ  بولدى  ،  يېشىممۇ  بىر  يەرگە  بېرىپ  قالدى.  توي  قىلىدىغان  ۋاقتىم  كەلدى  دەپ  توي  قىلىش  ياكى  ئاتا - ئانىسىنىڭ  ئالدىرىتىشى  بىلەن  توي  قىلىش.  بۇنداق  قىز  يىگىتلەرنىڭ  تويدىن  كېيىن  بەخىتلىك  ئائىلە  بەرپا  قىلىش  ئاكتىپچانلىقى  كۈچلۈك  بولمايدۇ.شۇڭا، ئۇلارنىڭ  تۇرمۇشتا  مەغلۇپ  بولۇش  ئىمكانىيىتىمۇ  كۆپرەك  بولىدۇ .  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
    نىكاھ  باشقا  ئىشلاردەك  خاتا  بولۇپ  قالسا   ئۆزگەرتكىلى  ،  مۇۋاپىق  بولمىسا  ئالماشتۇرغىلى  ،  خالىغانچە  سىناپ  كۆرگىلى  بولىدىغان  نەرسە  ئەمەس  .  تويدىن  كېيىن  پۇشايمان  قىلسا  ئورنىغا  كەلمەيدۇ  .  شۇڭا  توي  قىلىشتىن  ئىلگىرى  مەقسەت  ئېنىق  بولۇش  كېرەك  .  مۇبادا  توي  قىلىش  مۇددىئاسىنىڭ  خاتا  ئىكەنلىكىنى  بايقىسا  ،  تېزدىن  ئەقلىنى  تېپىپ  ،   ئۆزىنى  ئوڭشىۋېلىشى  كېرەك  ياكى  ئىككى  تەرەپ  ئوتتۇرىسىدىكى  مۇھەببەت  ئاساسىنى  كۈچەيتىش  لازىم  .  مۇشۇنداق  قىلغاندا  .  نىكاھتا  بەختسىز  بولۇپ  قېلىشنىڭ  ئالدىنى  ئالغىلى  بولىدۇ  . 
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(58)
95.1%
ئالقىشلايمەن
(3)
4.9%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قوش خوتۇنلۇق ئەرلەرگە

    ئەتراپىمىزدىكى كۆپلىگەن ئەر ئۆمۈر بويى جۈپتى ھالال بىر قەدىناس ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، نىكاھنى مەسئۇلىيەت ئورنىدا كۆرمەيدىغان قىسمەن ئەرلەر خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىشتىن ئىبارەت قانۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ يولدا ماڭماقتا. يېقىندىن بۇيان ئىككى...

  • مۇھەببەت ۋە مەسئوليەت

    مۇھەببەت بۇ دۇنيانىڭ يېرىم خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارىچە خۇشاللىقلاردىن بەھىرلىنىشكە ھەقلىق . ئائىلىنى ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرۋاتقان ئاياللارغا كۆيۈنش ، ئۇلارغا شادىلىق ئاتا قىلىش تولمۇ ئېسل پەزىلەتتۇر . ئەر ۋە بالا تەرپىدىن قىلىنىغان كىچىككىنە غەمخ...

  • ئەر -خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى قەلىبىنى تۇتاشتۇردىغان رىشتە ئورنىتىش كىرەك

    نۇرغۇنلىغان ئاشىق -مەشۇق ، ەر -خوتۇنلار مەسىلىلەر ئۈستىدە ياخشى چۈشنىش ھاسىل قىلالمايد ۇ. . شۇنىڭ بىلەن بەزىلىر ى ئىككىسنىڭ بىر -بىرنى ياخشى كۆرىدىغنا .كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . يەنە بەزىلىرنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەتتا ئۇقۇشماسلىق زىدىيەت يۈز بېرىپ ، بىر مەيدا...

  • ناۋادا يولدىشىڭىز سىزگە ئاسىيلىق قىلسا

    ھەققىي مۇھەببەت بولسا بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ . مۇھەببەتنىڭ ساھەسى ئىنتايىن تار بولۇپ ، كىچىكلىكتە پەقەت ئىككى ئادەمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا سىغدۇرالايدۇ . ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئادەمىنى ياخشى كۆرۇپ قالسىڭىز ، ئۇنداقىتا ئۇ مۇھەببەت بولمايدۇ . ئۇ پەقەت ھ...

  • ھەر -بىر كۈنىڭىز بەختلىك بولسۇن

    بىر -بىرىڭلارغا قەدىئىي ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار . ئەر-ئايال بىر -بىرىگە ھالال ، باشقا ھەرقانداق يات جىنىسقا ھارامدۇر . بىر -بىرڭلارغا مۇتلەق تەئەللۇق تۇرۇپ يەنە سىرتىلارغا تەلمۇرمەڭلار ، نىكاھقا ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار . نىكاھقا سەممىمىيەتسىزلىكقىلغانلار چوقۇمك...

  • ئەر-خوتۇنلار بىرلىكتە چېنىقسا تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ

    كۆپ يىللىق ئىسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر مۇنچە ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بولىدۇ،شۇڭا بىز تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى؛تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولمىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ تولىسىنىڭ ئوخش...

  • ئەقىللىق ئاياللارلا ئېرىنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى بىلىدۇ

    1-قېتىملىق ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا ئۇسىزگە بىر قاپ شاكىلات سوۋغا قىلىپ ،تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن سۈيگۈسىنى قەلبى بىلەن ئىپادىلىدى ،سىز ئۇنىڭ سۈيگۇگە تولغان قەلبىنى ئۇياتلىق كۈزلىرىڭىز ئارقىلىق قۇبۇل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز؛ 2-قېتىملىق ئاشىق-...

  • ئىزىلگەن يۇرەك

    ئىزىلگەن يۈرەك شۇ تاپ قەلبىم مۇزلاپ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسىگە ئىشەنمەس بولدى. چۈنكى ساپ سۆيگۈم سىنىڭ ئەشۇ بىپەرۋا ھالىڭ بىلەن بەربات بولدى . سىنى شۇنچە سۇيەتتىم سەن ئۈچۈن ھەتتا ھەممە ئىشقا ھەم رازى ئىدىم لىكىن سەن مىنى ،مىنىڭ پاك قەلبىمنى داغلاپ يۈرەۈمنى ئوت...

  • ئاسان بەربات بولدىغان سەككىز خىل نىكاھ

    ئاسان بەربات بولىدىغان سەككىز خىل نىكاھ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆۋەندىكى سەككىزتۈرلۈك نىكاھ ئاسانلا بەربات بولىدىكەن: (1) رومانتىك تىپىدىكى نىكاھ رومانتىكىلىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ نىكاھقا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكى شېرىنلى...

  • بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ

    بىشەم خوتۇنلار مۇنداق بولىدۇ ئوسال ۋە بىشەم خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرى ياخشى نىيەتلىك خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بولىدۇ . بىشەم خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ، ئۇزاققىچە جېدەل قىل...