ئىز تورى بەك ياخشى
ھازىر بودەك بالىلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ . ستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، يېقىنقى ئىككى يىلدا بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سېمىز بالىلارنىڭ نىسبىتى %15 گە يېتىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۆسمۈر بالىلار ئارىسىدا يۇقىرى قان بېسىمى ، تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىدىن بولغان يۈرەك كېسىلى ، دىئابىتقا گىرىپتار بولغانلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ . كىشىلەر سېمىزلىكنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ، سېمىزلىكنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى . شۇڭا كىشىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەكنى ئازايتىش ۋە چېنىقىشتىن باشقا ، ئورۇقلىتىش دورىلىرىغا بەك قىززىقىدىغان بولۇپ قالدى . ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى ، سېمىز بالىلار ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى قارىسىغا ئىچسە مۇتلەق خاتالاشقان بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان دورىلار مەركىزىي نېرۋا ئارقىلىق ئىشتىھانى تۇتقۇزىدىغان ، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى تورمۇزلايدىغان ۋە ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار بولۇپ ، بۇ دورىلار ئۆسۈش مەزگىلىدىكى 18 ياشقا توشمىغان ئۆسمۈر بالىلارغا پايدىسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئېتىكا ئىلمىي سەۋەبلىك ، ھازىرچە ھەر قانداق ئورۇقلىتىش دورا – ئۇكۇلى ئۆسمۈر بالىلار ئۈستىدە كىلىنكىلىق تەجرىبە قىلىنمىدى ، يەنى بىرمۇ ئورۇقلىتىش دورىسى بالىلارغا نىسبەتەن بىخەتەر دەپ دەلىللەنمىدى . مەسىلەن : مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىررى چوڭلارنىڭكىدەك چوڭ بولىدۇ . بالىلارغا بۇنداق دورىلار ئىچكۈزۈلسە ، ئۇلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ ؛ بالىلارغا ئاشقازان – ئۈچەيدىكى ياغ فېرمېنتلىرىنى تورمۇزلاش دورىسى ئىچكۈزۈلسە ، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ ھەزىم بولۇشىغا تەسىر يېتىپ ، ئۇلاردا قان ئازلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ . www.iz.la
www.iz.la