ئىز تورى www.iz.la
‹‹چۈش سەيلىسى››كېسەللىكى بالىلار چوڭ مېڭىسىنىڭ تولۇق يېتىلمىگەنلىكى ، پوستىلاق قەۋەت كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ كۆپ ساندىكىسى كېسەللىك ھېسابلانمايدۇ ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئوڭشىلىدۇ . ئاز بىر قىسمىلىرىدا مېڭە يۇقۇملىنىش ، پالەچ ۋە مېڭە سىرتى يارىلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ . كېسەل قوزغالغاندا بىمار ئۇخلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئۆيدىكى نەرسىلەرنى سىيلاشتۇرۇپ ئۆرۈيدىغانلىرىنى ئۆرۈيدۇ ، توختىماستىن ماڭىدۇ ياكى سىرتقا چىقىدۇ ، سىرتتا بىر نەچچە مىنۇت ئايلانغاندىن كېيىن قايتىپ كىرىپ ئۇخلايدۇ ، ئويغانغاندىن كېيىن ئەسلىيەلمەيدۇ . بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانى تۇراقسىز بولۇپ ، بىر نەچچە كۈندە بىر قېتىم ، ئون نەچچە كۈندە بىر قېتىم ، بەزىدە بىر كېچىدە بىر قانچە قېتىم قوزغىلىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
‹‹چۈش سەيلىسى›› كېسەللىكى ئورگانىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىن بولمىسلا ، ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز . ئەگەر تەكرار قوزغالسا ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىستېمال قىلىپ ، فىزىئولوگىيىلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ . ئەگەر ئورگانىزم خاراكتېرلىك كېسەللىك بولغان بولسا ، كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك . بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بالىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بالىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان تېلېۋىزىيە پراگراممىلىرىنى كۆرسەتمەسلىك ، بالىنى تىللىماسلىق ، كۈندۈزى بالىنىڭ ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، كېچىدە ئورنىدىن تۇرغان ھامان توسۇش ۋە ئويغىتىش ئارقىلىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . ئىز تورى www.iz.la
ئىز تورى بەك ياخشى