1958 – يىلى مارت ئېيىنىڭ مەلۇم بىر ھەپتىسى ئەنگىلىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇغۇلغان 17 مىڭ بوۋاقنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان ئالىملار شۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ، 1965 – يىلىغا كەلگەندە ئۇلار بۇ بوۋاقلانىڭ ئاتا – ئانىلىرىدىن كۈندە نەچچە سائەت ۋاقىتنى بالىلار بىلەن بىللە بولۇپ ، ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى ، ئۇلار بىلەن بىللە دالا سەيلىسىگە چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى سورىدى . بۇ بالىلار 11 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنى سىناش تەجرىبىسى ئىشلىدى . نەتىجە ئاخىرى مۇنداق بولدى : دائىم ئاتىسى بىلەن بىللە بولغان بالىلارنىڭ كېيىنكى چاغلاردا تەڭتۇشلىرىدىن ئەقلىي قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان ھەمدە ئاتىسى مەنسۈپ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئاسانلا ھالقىپ ، ئاتىسىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، ئاتىسى بىلەن بىللە بولغان بالىلاردا ئەقلىي ئىقتىدار ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن ، بۇ خىل ئەۋزەللىك ئۇلاردا ئۇلار 42 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن سىجىل ساقلانغان . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش مەسئۇلىيىتى ئانىلارغا تاپشۇرۇلغان ئائىلىدە ، گەرچە ئاتا – ئانىسى يەل بولسىمۇ ، لېكىن بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچى ئاتا – ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەقلىي كۈچىدىن ئانچە پەرقلەنمىگەن . ئالىملار يەنە مۇنداق ئەھۋالنى بايقىغان : ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنى ( مەسىلەن : كىرىم ، مائارىپ ، كەسىپ ۋە ساغلاملىق قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى دەرىجە ) نىسبەتەن يۇقىرى ئاتىلار بالىلىرىغا كۆپرەك ۋاقىتنى سەرپ قىلىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ئوغۇل ئاسانلا ئاتىسىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىغا ئىگە بولالايدىكەن . بىراق ئانىلار كۆپرەك ھەمراھ بولغان بالىلارنىڭ مەيلى قىز بولسۇن ، ئەقلىي ئىقتىدارىدا زور پەرق بولمايدىكەن . تەتقىقاتچىلار گەرچە بۇنداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا باشقا ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمىسىمۇ، يەنى تۇغما ئىقتىدارلىق بالىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىسىمۇ ، لېكىن بۇ نەتىجىنىڭ ئىجابىيلىقىغا چىن پۈتتى . قارىغاندا ئەجدادلاردىن قالغان ‹‹ ئەقىلسىز بالىنىڭ دەردىنى ئاتىسىدىن ئېلىڭ ›› دېگەن ھېكمىتى ھەقىقەتەن ئاساسسىز بولمىسا كېرەك .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!