ھۆرنىسا ئۆمەر
1. بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كېرەك. ئانا سۈتىدىكى تۆمۈر بىئولوگىكنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى كالا سۈتىدىن يۇقىرى. بوۋاق تۆت ئايلىق بولغاندىن كېيىن تۇخۇم سېرىقى، جىگەر بوتقىسى، گۆش قىيمىسى، پۇرچاق ئۇنى، ئوبدان پىشۇرۇلغان كۆكتات يوپۇرمىقى قاتارلىق تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك، كالا سۈتى بىلەن باققان بالىلارغا بالدۇرراق، يەنى ئىككى – ئۈچ ئايلىق بولغاندا بېرىش كېرەك. بالىلىق دەۋرىدە ھەر كۈنى تۆمۈر ماددىسىغا بولغان ئېھتىياج 15 ~ 10 مىللىگرام، بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ ھەر كۈنى 20 مىللىگرام بولىدۇ، ھەر كۈنلۈك يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارى بۇ تەلەپكە يەتمىسە، تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلىغۇچى دورىلارنى بېرىش كېرەك. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
2. ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىش ماھارىتىنى ئىگىلەش كېرەك. بالىلارغا بېرىلىدىغان يېمەكلىكلەر چوقۇم بالىنىڭ يېشى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تۈرى تولۇق بولۇش، مىقدارى ۋە نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇش، يېمەكلىك بەك تۈجۈپىلەپ پىششىقلانمىغان بولۇشى، تەركىبىدىكى شېكەر كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، بەك ياغلىق بولماسلىقى، بەك تەملىك ۋە غىدىقلاش تەسىرى بولماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ياخشى بولۇشى، بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى
3. بالىلارغا يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، يېمەكلىكتىكى تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشكە پايدىلىق، ھەرقانداق يېمەكلىك بەدەن ئېھتىياجلىق ھەممە ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىيالمايدۇ، شۇڭا يېمەكلىكنى تەڭشەشتە چوقۇم تەڭپۇڭلۇق بولۇشى كېرەك. copyright by www.iz.la
4. تاماق تاللاش قاتارلىق بەزى ناچار ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بالىلاردىكى قان ئازلىققا تاقابىل تۇرۇشتا مۇتەخەسسىسلەر: يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بولۇپمۇ ھايۋانات جىگىرى، گۆش، بېلىق قاتارلىقلارنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، پۇرچاق ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار بىلەن بالا ئىمىتىۋاتقان ئانىلارنىڭ تۆمۈر ماددىسىغا بولغان ئېھتىياج كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئۇلار تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە، تەركىبىدە ۋىتامىن بىلەن ۋىتامىن A مول مېۋە ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، تۆمۈرماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ياخشىلاش كېرەك.