ئىسپانىيىنىڭ كانتابرىيا دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان بىر پائالىيەتتە ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنىڭ كۆز ساغلاملىق مەسلىسىنى بالدۇر بايقاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئاتا – ئانىلارنىڭ سەمىگە سالدى ، بالىلارنىڭ كۆز ساغلاملىقى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتجىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇتەخەسسىسلەر: ئۈچتىن بىر قىسىم بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئۇلارنىڭ كۆز ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دېدى. ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئىسپانىيىدە مەكتەپ تەربىيىسىدە مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى ‹‹ئىنتايىن يۇقىرى›› ئىكەن . بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۈچتىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئۇلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ناچار بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، بۇ كېسەللىكنى ئاسانلا داۋالىغىنى بولىدۇ. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆرۈش سىستېمىسى نورمال ئىشلىمىسە، ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتجىسىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، دېدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: 18 ياشتىن تۆۋەن ياشلار، ئۆسمۈرلەردە يېقىننى كۆرەلمەسلىك، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش، فوكۇسلاش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرى دائىم كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئۇلار بۇ كېسەللىكلەرىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتجىسى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.
www.iz.la
شۇڭا، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى داۋالاش ئورۇنلىرىداكۆرۈش قوۋۋىتىنى تەكشۈرتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى ھەم ئاتا – ئانىلارغا بالىلىرىنىڭ يېشى كىچىك ۋاقتىدىلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈشىنى ئەسكەرتتى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مۇتەخەسسىسلەر يەنە ھازىرقى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىنمۇ ئەندىشە قىلدى .