جاۋ جۈن خەۋىرى : ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا 13 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي – قانۇن كومىتېتى، ئەدلىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، شىنجاڭ ئىشلىگەچ ئوقۇش مەكتىپىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جاپپار ھەبىبۇللا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئۆگىنىش مۇھىتى، شۇنداقلا تۇرمۇش شارائىتىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىشلىگەچ ئوقۇش مەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش فاڭجېنى ئېنىق، مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەن.
جاپپار ھەبىبۇللا بۇ مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئۇلاردىن ئىشلىگەچ ئوقۇش مائارىپىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىشلىگەچ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مائارىپ ئارقىلىق ئۆزگەرتىش، ناچار قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئوقۇتۇشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، تەلىم – تەربىيە ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي ئەخلاق مىزانى، ئاساسىي پەن ۋە مەدەنىيەت ساپاسى، ئاساسىي ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشى قىلىپ تەربىيەلىشىنى ئۈمىد قىلدى.