ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئويغىنىپ كەتكەن ھىلال ئاي-ئەرەب دۇنياسى (4)

2011-يىلى07-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
مەن كىم؟__دەھرىيلىشىش ۋە ئىسلام ئاشقۇنلۇقىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى دەھرىيلەشكەن ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى غەربلىشىپ كەتكەن ئەرەب بولىشى ناتايىن. ئەڭ قىزىق بولغىنى، ھازىرقى جانلىنىپ كەتكەن تېروچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غەربچە م
  

 مەن كىم؟__دەھرىيلىشىش ۋە ئىسلام ئاشقۇنلۇقىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى
دەھرىيلەشكەن ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى غەربلىشىپ كەتكەن ئەرەب بولىشى ناتايىن. ئەڭ قىزىق بولغىنى، ھازىرقى جانلىنىپ كەتكەن تېروچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غەربچە مائارىپتا تەربىيلەنگەن، ھەتتا ھازىرقى ئاشقۇن تېرورىزىمنىڭ مەنبەسىنى ئىزدىگەندە، مەيلى مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بولسۇن ياكى ئەل قائىد تەشكىلاتى بولسۇن، مەنىۋى داھىيلىرى دەل ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئوقۇغان مىسىرلىق يازغۇچى سەيىد قۇتۇب.
11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بەكېت (Becket) دىننىي ئەركىنلىك ففوندى «ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ باش بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بىن لادىن ۋە تېرورچىلار تەشكىلاتىنىڭ  ئىسلام دىنىنى بۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئېلاننىڭ چوڭ خەتلىك سەرلەۋھە «ئوساما بىن لادىن 4 دانە ئايروپىلاننى ۋە پۈتكۈل دىننى بۇلىدى» ئىدى.
بۇ فوندىنىڭ دېگىنى ئەمەلىيەت ئىدى، چۈنكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئەسەبىي دىننىي ئۇنسۇرلارنى ئاسانلا خاتا ھالدا، ئەنئەنىۋى دىننىي ئاڭدىن يېتىشىپ چىققان زامانىۋى ساۋاتسىزلار، مەزكۇر رايوندا ئاشقۇن دىننىي ئاڭ، تېرورىزىم، سىياسىي ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ زور كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ سەۋەبى ئەرەب دۇنياسىنىڭ دىننىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە باغلىق دەپ قاراپ قالىدۇ.
ئەمما سۇمرۇغ ھەپتىلىكىنىڭ مۇخبىرى بىر ئەرەب دوستىدىن خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرىنى بۇلىغان 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ:«ئامېرىكىدىن ھەقىقەتەن بىزارمەن، ئەمما تېرورچىلاردىنمۇ بىزارمەن، ئۇلار ھاراق ئىچىدۇ، ئەسەبىي، زوراۋان، پۇقرالارنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇلار ساداقەتمەن مۇسۇلمانلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس» دېگەن.
ئەمەلىيەتتە، ئەينى يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، بىن لادىننىڭ ئەتراپىغا توپلاشقانلارنىڭ ھەممىسى ئەسەبىي غازاتچىلار ئىدى، ھەممىسى دېگۈدەك جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا دۇنياغا كەلگەن، ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن، بەزىلىرى ھەتتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد كۆچمەن ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ تەپەككۈر شەكلى ۋە ھەرىكەت شەكلى بىلەن ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرقى ناھايىتى زور.
ئېتىمال تىلغا بىر ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى، ئەل قائىد تەشكىلاتىدىكىلەر دىننىي تەسىر كۈچ تېخىمۇ مۇتەئەسسىپ دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن ناھايىتى ئاز كەلگەن، غوللۇق خادىملىرىنىڭ ھەممىسى دەھرىيلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مىسىردىن كەلگەن.
غەرب مائارىپى قوبۇل قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسەبىي ئاشقۇنغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى بۇ ئىدىيەلەرنى ئىلگىرى سۈرگىنى ئەنئەنىۋى يېزىلاردىكى مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ساۋاتسىزلار ئەمەس، بەلكى دەل زامانىۋى غەربچە مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ياشلار ئىدى. ئاددىي قىلىپ يىغىنچاقلىغاندا، ئۇلارنى ئازابلىغىنى ھەمدە ئۇلارنى ئاشقۇنلارغا ئايلىنىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىنى پەقەت ئاخىرقى بىر سوئال: بىز كىم؟ ئىدى.

سەئىد قۇتۇب مۇسۇلمانلار، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم غەرب بىلەن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىش كېرەكلىكىنى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان سىستېمىلىق ئىدىيىسى دەل ئامېرىكىدا ئوقۇش، تەكشۈرۈش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئىدى. ھازىرقى زامان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ باشقا بىر قانچە مەنىۋى داھىيسى مەسىلەن، مادۇدى ۋە ھۈمەينى ۋە سەئىد قۇتۇبلار سوتسىيالىزىمنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى ناھايىتى ماختايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى بويىچە دۆلەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا، چوقۇم ئىقتىسادىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈش ۋە پىلانلىق ئىقتىسادنى يولغا قويۇش كېرەك، ئەمما ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا ماركىسىزمنىڭ خۇداسىزلىق ئىدىيىسىنى دۈشمەن دەپ بىلىدۇ، چۈشكۈنلەشكەن كاپىتالىزىمغا ئوخشاش مەدەنىيەتنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ.

غەرب دۇنياسىدىن باشقا بارلىق مىللەتلەر دېگۈدەك زامانىۋىلىشىشقا بۇرۇلۇشقا مەجبۇر بولۇش باسقۇچىدا، سەر خىللار قاتلىمىنىڭ ئۆز ئۆزىدىن سوئال سورىشىدىن ساقلانمىقى ناھايىتى تەس، زامانىۋىلىشىش ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي غەربلىشىشكە تەڭ ئىدى، ئەگەر تەلتۆكۈس غەربلىشىپ كەتسەك ئۇنداقتا بىز كىم؟ بۇ ئاخىرقى سوئال كىشىنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋېلىپ، كۈچلۈك ھەققانىيەت ۋە دىننىي ئاشقۇنلۇققا قاراپ ماڭىدۇ. ئەڭ كەسكىن غەربلىشىشكە قارشى كارتىنا نامايەن بولىدۇ. ئەرەب دۇنياسى خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت غەرب دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقتىن، بۇ خىل زامانىۋىلىشىشتىن كېيىنكى مەن كىم دېگەن سوئال ۋە تەشۋىش باشقا ھەر قانداق مەدەنىيەتكە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك.
ئەگەر ئاز ساندىكى سەر خىللارنىڭ گاڭگىرىشى بىلەن  ئاۋام يۈزلىنىۋاتقان جەمئىيەتتىكى مۈشكۈلات بىرلەشسە، دەھرىيلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىشتىكى كەڭ كۆلەملىك چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ تىپىك مىسالى ئىراننىڭ ئىسلام ئىنقىلابىدۇر. ئىنقىلابتىن ئىلگىرى، پەھلەۋى خانلىقى مول نېفىت كىرىمىغا تايىنىپ، دەھرىيلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش جەھەتتە پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك پارلاق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما چىرىكلىشىش، ھاكىممۇتلەقلىق، باي-نامراتلىقنىڭ ئايرىلىشى، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشنىڭ تاپتىن چىقىشى جەمئىيەتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەردە «ئۆتمۈشىمىزگە قايتايلى» دېگەن كۈچلۈك ئىستەك پەيدا قىلدى. ئىراننىڭ داغدۇغىلىق دېموكراتىك ھەرىكىتى ۋە قوزغىلىڭى ئاخىرى زور غەلبىگە ئېرىشتى، ئەمما قۇرۇپ چىققىنى سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن دېموكراتىك تۈزۈم ئىدى.
مىسىردىكى دېموكراتىك ھەرىكەتتە، ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى تەشكىلات، سابىق دەھرىي مىسىر ھاكىمىيىتى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالغان ۋە غەمگە پاتقۇزغىنى دەل مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئىدى، گەرچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى سىياسىي تەشەببۇسىدا زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئەمما سەئىد قۇتۇبنىڭ ئىدىيىسىدىكى ئىسلام قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان دىن بىلەن سىياسەت بىرلەشكەن دۆلەت قۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. مۇھەممەد بۇئەزىزىنىڭ تېنىدىكى ئوت مىسىرغا تۇتاشقان ۋاقىتتا، غەرب دۆلەتلىرى بىر مەھەل ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن قىممەت قارىشى بويىچە قوللاشنى ياكى مۇبارەكنى قوللاشنى كېرەكلىكىنى بىلمەسلىكىدىكى ئەندىشىنىڭ سەۋەبى دەل موشۇ سەۋەبتىن ئىدى.
گەرچە، بۈگۈنكى ئەرەب دۇنياسىدىكى ئادەتتىكى پۇقرالاردا «مەن كىم؟» دېگەن ئۆزلۈكنى ساقلاش ياكى كۈچلۈك كىرزىس ئېڭى بولمىسىمۇ، ئەمما ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئەندىشىدۇر. كۆپ قىسىم ئەرەبلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، غەربنىڭ مول ماددىي بايلىقى، تەرەققىي قىلغان مەدەنىيىتى شەك-شۈبھىسىزكى كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە ئىگە، لېكىن ئەنئەنىۋى دىندىكى ئېتىقاد بىلەن ئىنتىلىش يەنىلا دىننىي ئېتىقاد ساداقەتمەنلىكىگە تەۋە. بىر ئەرەب:«ئىلغار نەرسىنى بىز ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمىز، ئەمما ھېچكىم ئەنئەنە ۋە ئېتىقادىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ» دېگەن، ئېھتىمال موشۇنداق گاڭگىراش ئەرەب دۇنياسىدىكى ئاستا-ئاستا «دەھرىيلىشىش» كە بۇرۇلىشىنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك.  
 مەنبە: شىياڭگاڭ سۇمرۇغ ھەپتىلىكىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى،
5-قىسىم: جۇمھۇرىيەت قالايمىقانچىلىقىدىن ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھقىچە،6-قسىىم: ئىنشائاللاھ، ئويغانغان زېمىن! قاتارلىق مەزمۇنلار داۋاملىق يوللىنىدۇ. (باشقا تور بەتلەرگە قەتئىي بولمايدۇ)
 ئويغىنىپ كەتكەن ھىلال ئاي-ئەرەب دۇنياسى (1) ئويغىنىپ كەتكەن ھىلال ئاي-ئەرەب دۇنياسى (2) ئويغىنىپ كەتكەن ھىلال ئاي-ئەرەب دۇنياسى (3)
 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!