ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

قازاقىستان تۈرمىسىدە قوراللىق ئېتىشىش يۈز بېرىپ 16 ئادەم ئۆلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقسىتاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى Karanganda شەھىرىنىڭ بالغاش بازىرىدىكى تۈرمىدە جىنايەتچىلەر قورال بۇلاپ تۈرمىدىن قېچىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، جىنايەتچىلەر بىلەن بىخەتەرل
  

 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقسىتاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى Karanganda شەھىرىنىڭ  بالغاش بازىرىدىكى تۈرمىدە جىنايەتچىلەر قورال بۇلاپ تۈرمىدىن قېچىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، جىنايەتچىلەر بىلەن بىخەتەرلىك قوغدىغۇچى قىسىملىرىنىڭ قوراللىق ئېتىشىشى كۈچلۈك پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، 16 نەپەر جىنايەتچى پارتلاپ ئۆلگەن.
قازاقىستان ئەدىلىيە تۈرمە سىستېمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇلتان كۇسېتوۋ:«تۈرمىدىن قاچماقچى بولغانلارنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى» دېگەن.
سۇلتان كۇسېتوۋنىڭ دېيىشىچە، تۈرمىدىن قاچماقچى بولغانلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەر «ئاشقۇن دىننىي تەشكىلات» نىڭ خادىمى ئىكەن.
سۇلتان كۇسېتوۋنىڭ دېيىشىچە، بۇ جىنايەتچىلەر تۈرمە سىرتىدىكى ياردەمچىلەر قورال كىرگۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن تۈرمىدىن قاچماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!