خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 10-ئىيۇل خەۋىرى: ئافغانىستاندا 10-ئىيۇل كۆپلىگەن قوراللىق توقۇنۇش، ھۇجۇم قىلىش ۋە قىرغىن قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن، جەمئىي 11 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، 3 نەپەر ساقچى ۋە 3 نەپەر ش ئا ئە ت ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بادگىس ئۆلكىسىنىڭ ساقچى باياناتچىسى ئابدۇل ئەخمەد 10-ئىيۇل دېيىشىچە، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 ئەتراپىدا، مۇگۇر رايونىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد داۋۇدنىڭ ماشىنا ئەترىتى بادگىس ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى قەلئە نو غا كېتىۋاتقاندا تىزگىنەكلىك يول بويى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. مۇھەممەد داۋۇد ھۇجۇمدا ئۆلگەن، باشقا يەنە 7 ئادەم يارىدار بولغان، يارىدارلارنىڭ 5 نەپىرى ساقچى، 2 نەپىرى پۇقرا ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى فاراخ ئۆلكىسىنىڭ ساقچى باشلىقى سەيىد مۇھەممەد 10-ئىيۇل دېيىشىچە، فاراخ ئۆلكىسىنىڭ ساقچىلىرى ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان 4 نەپەر بومبا تازىلاش خادىمىنىڭ جەسىتىنى تاپقان.
ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردەمچى قىسىملىرى 10-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، 3 نەپەر ش ئا ئە ت ئەسكىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي قىسىمىدا قوراللىق كىشىلەر ۋە ئاددىي پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى، ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ بۇ يىل ئۆلگەن ئادەم سانى 297 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
10-ئىيۇل، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىدە بىر قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلىشىنى، باشقا يەنە 3 نەپەر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.