جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئىيۇل خەۋىرى: لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ باياناتچىسى ئەخمەد بانى 9-ئىيۇل بىن غازىدا دېيىشىچە، قازافى قىسىملىرى مۇھىم نېفىت بازىرى برېگادىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.
ئەخمەد بانى قازافى ھۆكۈمىتىنىڭ ش ئا ئە ت ياكى توپىلاڭچى قوشۇنلار برېگادىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلدى دېگەن سۆزىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ:«برېگا بازىرى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدا يېقىندا پارتلاش يۈز بەردى، زاۋۇت ۋە ئەسلىھەلەر ۋەيران بولدى... ...بۇ لىۋىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، ھەم ئەتراپنىڭ مۇھىتىنى بۇلغاپ تاشلىدى» دېگەن. ئۇ توپىالچڭىلارنىڭ قوشۇن ئەۋەتىپ باشقا نېفىت رايونلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئەخمەد بانىنىڭ دېيىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى برېگادا پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئېلىنغان، توپىلاڭچىلار نۆۋەتتە زىلتان ۋە ھۇمىس، تىرىپولىغا تۇتۇشىدىغان مۇھىم يوللارنى ئېلىشقا ئۇرۇنىۋېتىپتۇ. غەربىي تاغلىق رايوندىكى قوراللىق خادىملار تولۇق بولۇپ، ھازىر تىرىپولىغا ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىۋېتىپتۇ.
ئۇ يەنە ھازىر ئۇرۇشنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى بىلەن ش ئا ئە ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قازافىغا چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى قانداق ئىجرا قىلىش مەسىلىسىنى ھەمدە باشقا ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!