ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە ھۆكۈمىتى قازا قىلغان، يارىلانغانلارغا نەپىقە پۇلى بېرىشنى قارار قىلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: لىۋىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋىيە باش خەلق كومىتېتى يەنى ھۆكۈمەت 9-ئىيۇل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ۋە باشقا ھەربىي ھەرىكەتتە قازا قىلغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئائىلە تەۋەسىگە 20 مىڭ دىنار نەپىقە پۇلى بېرىشنى قارار قىلدى. لىۋىيە ھۆكۈمىتى يەنە ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مېيىپ بولغان ياكى ئۆمۈرۋايەت ئۆزى ھەرىكەت قىلالمايدىغانلارغا 15 مىڭ دىنار، باشقا ئادەتتىكى يارىدارلارغا 10 مىڭ دىنار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت ئىلگىرى لىۋىيە مالىيە مىنىستىرلىقى ياكى باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ياردەم ئالمىغانلارغا ھەر ئايدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئۇلارغا ياردەم پۇلى يەنى 450 دىنار بېرىشنى قارار قىلدى. لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لىۋىيەنى بومباردىمان قىلغان ئۈچ ئايدىن بۇيان، 800 دىن ئارتۇق لىۋىيەلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 4700 دىن ئارتۇق لىۋىيەلىكنى يارىلاندۇرغان.  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!