ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

سۇداننىڭ جەنۇب ۋە شىمالى «ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى» ۋە سۇداننىڭ جەنۇبىي رايونىنى ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن سۇداننىڭ جەنۇبى تۈنۈگۈن رەسمىي ئايرىلىپ چىققانلىقىنى، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى، جۇبانى پايتەخت قىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، سۇداننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، قوشۇمچە جەنۇبىي ئاپتونوم ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى سالۋا كىر قەسەم بېرىپ، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.

 سۇداننىڭ شىمال ۋە جەنۇبىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئىزچىل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى، سۇدان پىرېزىدېنتى بەشىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون، شەرقىي ئافرىقا ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات تەشكىلاتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

2005-يىلى نەچچە ئون يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن سۇداننىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، جەنۇب ئاپتونومىيەنى يولغا قويدى، ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تېرىشىشى ئارقىسىدا، سۇداننىڭ جەنۇبى بۇ يىل ئومۇمىي خەلقنى ئوڭۇشلۇق ئاۋازغا قويدى، مۇتلەق كۆپ قىسىم سايلىغۇچى جەنۇبنىڭ ئايرىلىپ چىقىشىنى قوللىدى.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!