جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
1- ئىيۇل يېڭىدىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان پانېتا تۈنۈگۈن تۇيۇقسىز ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللاندى، پايتەخت كابۇلغا كۆپلەپ ساقچى ئەۋەتىپ ھوشيارلىقىنى كۈچەيتتى، نۆۋەتتە ئافغانىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە تۇتۇشىدىغان بارلىق يوللار ئېتىۋېتىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 22-ئىيۇن : بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئافغانىستاندىن 10 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقى، كېلەر يىلى يازغىچە جەمئىي 33 مىڭ ئادىمىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.