جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسىمى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ قوماندانى ھاجىزاد تۈنۈگۈن تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىران ئارمىيەسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھىندى ئوكيانغا ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئىككىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەردى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا 1900 كىلومېتىر ئۇچقاندىن كېيىن كۆزلەنگەن نىشانغا مۇۋەپپىقىيەتلىك تەگدى.
ھاجىزاد مۇنداق دېدى: ئىران قويۇپ بېرىش مۇساپىسى 2000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى ئىگەللىدى، ئىراندا تۈرلۈك زامانىۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە ئىلغار قويۇپ بېرىش ئەسلىھەسى بار، يەر ئاستى قويۇپ بېرىش قۇدۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بار.