جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى باۋدوڭ تۈنۈگۈن نيۇيورىكتا مۇنداق دېدى: جۇڭگو جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، جەنۇبىي سۇداننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللايدۇ، شۇ كۈنى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي بېيجىڭدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ شۇنداقلا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.
جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرى جياڭ ۋېيشىن تۈنۈگۈن جەنۇبىي سۇداننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كۇللېر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتى ئىمزالىدى، بۇ جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي سۇداننىڭ رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇ كۈنى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى.