ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى فوردنىڭ ئايالى ئالەمدىن ئۆتتى

2011-يىلى07-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى فورد ( Gerald Ford) نىڭ ئايالى، سابىق بىرىنچى خانىم بېتتىي فورد 8-ئىيۇل 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. دوستىنىڭ دېيىشىچە، بېتتىي فورد ئۇزۇن مۇدد
  


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى فورد ( Gerald Ford) نىڭ ئايالى، سابىق بىرىنچى خانىم بېتتىي فورد 8-ئىيۇل 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
دوستىنىڭ دېيىشىچە، بېتتىي فورد ئۇزۇن مۇددەت راك كېسىلى بىلەن كۈرەش قىلغان.
بېتتىي فوردنىڭ ئېرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرىزدېنتى فورد 2006-يىلى 12-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.
بېتتىي فورد (Betty Ford) ئامېرىكىنىڭ 38-نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى فوردنىڭ ئايالى بولۇپ، 1918-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىللىنوئىس شىتاتى چىكاكو شەھىرىدە تۇغۇلغان، سابىق پىرىزدېنت فورد بىلەن 1948-يىلى توي قىلغان. 1974-يىلى فورد سابىق پىرىزدېنت نېكسوننىڭ ئورنىغا چىقىپ پىرىزدېنت بولغاندا، بېتتىي ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان.
بېتتىي فورد  كېيىن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت راك كېسىلى بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغانلىقتىن ئاممىنىڭ مەدھىيلىشىگە ئېرىشكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!