ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

باتبولد دۆلەت كومىسسارى مېڭ جيەنجۇ بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى07-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: موڭغۇلىيەنىڭ باش مىنىسرتىرى باتبولد 7-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۇلانباتوردا زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت كومىسسارى مېڭ جيەنجۇ بىلەن كۆرۈشتى. باتبولد مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى قۇيۇق مۇناسىۋەتنى ساقلىدى، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدا كۆپ قېتىم رېكورد يارىتىلدى، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنىڭ ئورنۇتۇلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىپ بەردى. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: موڭغۇلىيە بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال كۈچ چىقىرىش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى. جۇڭگو موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىل تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، موڭغۇلىيەنىڭ دۆلەت بىخەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن قانۇن ئىجراسى جەھەتتە بىخەتەر ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!