ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

«ئاتلانتىس» ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا شەرقىي رايون ۋاقتى 8-ئىيۇل سائەت 11 يېرىملاردا (بېيجىڭ ۋاقتى 23 يېرىملاردا)، «ئاتلانتىس» ناملىق ئالەم ئايروپىلانى فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كېنېدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدە قويۇپ بېرىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئايروپىلانى تۈرىنى 135-قېتىم ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىجرا قىلىشى. بۇ قېتىملىق ۋەزىپىدىن كېيىن، «ئاتلانتىس» خىزمەتتىن چېكىنىدۇ، ئامېرىكىنىڭ 30 يىللىق ئالەم ئايروپىلانى تۈرىگىمۇ خاتېمە بېرىلىدۇ. 30 يىللدىن بۇيان، ئالەم ئايروپىلانى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «خابول» تېلېسىكوپىنى قۇراشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش، خەلقئارالىق بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىپ، ئامېرىكا ھەتتا ئىنسانىيتتنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى جەھەتتىكى ئىزدىنىشىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئەمما قويۇپ بېرىش تەننەرخى ۋە خەۋپ-خەتىرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۇنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىشىگە سەۋەب بولدى. بۇ ئالەم ئايروپىلانى خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇندىن كېينكى بىرنەچچە يىللدا رۇسىيەنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئارقىلىق بوشلۇق پونكىتىغا بارىدۇ. ئوباما ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئاپىرىپ ئەكىلدىغان «ئالەم ئابتوبوسىنى» تەتقىق قىلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە بوشلۇقتا ئىزدىنىشكە مەبلەغ چىقىرىدىغان بولدى.  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!