ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان كەشمىر رايونىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2011-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى تورىنىڭ 6-ئىيۇل خەۋىرى: ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىرتىدا 7-ئاينىڭ 6-كۈنى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 9 نەپەر ساقچىنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ
  

 
يەر شارى تورىنىڭ 6-ئىيۇل خەۋىرى: ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ سىرتىدا 7-ئاينىڭ 6-كۈنى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 9 نەپەر ساقچىنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 4 نەپىرىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
گەرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس پارتلاش ۋەقەسىگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ساقچى تارماقلىرىنىڭ مەسئولىنىڭ قارىشىچە، پارتلاش ۋەقەسىنى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان كەشمىر مۇستەقىللىقى كۈچلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى سوپرو بازىرىدا يۈز بەرگەن، بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ساقچىلار ساقچى ئىدارىسىدىن چىقىپ ئەھۋالغا قارىغان، بۇ چاغدا باشقا بىر بومبا پارتلىغان.
كەشمىر مۇستەقىللىقى كۈچلىرى ھىندىستان كونتروللىقىغا بوي سۇنمايدىغان بولۇپ، پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونى بىلەن بىرلىشىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 1989-يىلدىن بۇيان، 68 مىڭ ئادەم ھەر خىل توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!