ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى تىرىپولىغا يۈرۈش قىلماقچى

2011-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى پايتەخت تىرىپولىغا تۇتۇشىدىغان مۇھىم ئۆتۈشمە يولغا ھۇجۇم قىلغان، بۇرۇن ۋەدە قىلغىنىدەك، تىرىپولىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتى
  

 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 6-ئىيۇل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى پايتەخت تىرىپولىغا تۇتۇشىدىغان مۇھىم ئۆتۈشمە يولغا ھۇجۇم قىلغان، بۇرۇن ۋەدە قىلغىنىدەك، تىرىپولىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى قازافىغا سادىق ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قوزغىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرىنىڭ تايانچ نۇقتىسى تىرىپولىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى نەفىسە تاغلىق رايونى بولۇپ، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى توپىلاڭچىلار نەفىسە تاغلىق رايونىنىڭ شىمالىدىكى گۇئالىچ تۈزلەڭلىكىدە قازافى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ئالدىنقى ھەپتە تىرىپولىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئەل-غەنىم رايونىدىن چېكىنگەن ئىدى. باش شىتابى بىن غازىغا جايلاشقان توپىلاڭچىلارنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئەخمەد ئۆمەر بانى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى توپىلاڭچىلارنىڭ پات ئارىدا ھۇجۇم قوزغاپ، شىمالغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
توپىلاڭچىلار كونتروللىقىدىكى زىنتان شەھىرىدىكى بىر توپىلاڭچى رەھبەرنىڭ دېيىشىچە، توپىلاڭچى قوشۇنلار بىلەن ش ئا ئە ت كېڭەشكەندىن كېيىن ھۇجۇم قوزغىغان. ئۇ:«بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قوزغاشتىن ئىلگىرى، بىز نەچچە كۈن ساقلىدۇق. بۈگۈن (-6-ئىيۇل) ئەتىگەندە ئاخىرى ش ئا ئە ت نىڭ ماقۇللىقىنى ئالدۇق، شۇڭا ھۇجۇم قوزغىدۇق» دېگەن.
نەق مەيداندىكى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېتىشقان، زەمبىرەك، كاتيۇشا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشقا سالغان، ش ئا ئە ت ئەۋەتكەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ يۈرگەن بولۇپ، ئەمما نۆۋەتتە ھاۋا ھۇجۇمى قىلمىغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!