جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئىيۇل خەۋىرى: تايلاندنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، قارانچۇق ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى ئافىست 3-ئىيۇل كەچتە بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان.
ئافسىت دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باش مەھكىمىسىدە سۆز قىلىپ، تايلاندلىقلار ئۈچۈن پارتىيىسىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن، تايلاندلىقلار ئۈچۈن پارتىيىسىنىڭ نامزاتى يىڭلاك شناۋاترانىڭ تايلاند تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش مىنىستىر بولىدىغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.
ئافسىت:«ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەن دۆلەتنى كىرزىستىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېتەكلەپ ماڭدىم، خەلقنىڭ بىزگە بۈگۈنگە قەدەر ئەگەشكەنلىكىگە رەخمەت. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سايلام رىقابىتى ۋاقتىدا ئاممىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دېموكراتلار پارتىيىسى ئۆكتىچى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن پارلامېنتتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ» دېگەن.
ئافىست تايلاندلىقلار ئۈچۈن پارتىيىسى سابىق باش مىنىستىر ساكسىننى كەچۈرۈم قىلىشىغا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داۋاملىق قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئافىستنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىڭلاك تايلاندلىقلار ئۈچۈن پارتىيىسى باش مەھكىمىسىدە سۆز قىلىپ، سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن ئافىست ۋە پۈتكۈل خەلىققە رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تايلاند پارلامېنت سايلىمى بۈگۈن باشلاندى