
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئىيۇل خەۋىرى: تەيۋەن «مەركىزىي ئاگېنتلىق» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنسۇئىلا پىرىزدېنتى چاۋېس كۇبادا دوختۇخانىدا تۇرۇۋاتقان نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ئىككى قېتىم راك ئۆسمىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپىراتسىيىسى قىلىنغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان.
چاۋېس ۋېنسۇئىلا تېلېۋىزىيە كەچلىك تارقىتىشىدىكى سۆزىدە ھاياجانلانغان ھالدا «تەكشۈرۈش نەتىجىدە ئۆسمىدە راك ھۈجەيرىلىرى بارلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى» ئىتراپ قىلغان.
چاۋېس كۆپ يىللاردىن بېرىش سالامەتلىكىگە سەل قارىغانلىقى ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇرۇنقى نۇتۇق سۆزلىگەندىكى سۆزمەنلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى قىسقىغىنا 15 مىنۇتلۇق سۆزىدە چاۋېس پۈتۈنلەي ماقالىگە قاراپ تۇرۇپ ئوقىغان.
ئۇ تېلېۋىزىيە سۆزىدە داۋالاش باسقۇچىنىڭ «ئاستا ھەمدە ئېھتىياتچان» ئىكەنلىكىنى، ساقىيىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى ئېيتقان.
چاۋېس كېسەللىك ئۈستىندىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنقىلابىي شوئار «مەڭگۈلۈك غالىبىيەتكە ئېرىشكەنگە قەدەر» دېگەن سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. ۋېنسۇئىلا چاۋېسنىڭ راك كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!