جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 28-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن ئۇچۇر مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابدۇ ئەل-جانادى شۇ جاي ۋاقتى 28-ئىيۇن ئاشكارلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يارىسىنى داۋالىتىۋاتقان يەمەن پىرىزدېنتى سالىھنىڭ تېلېۋىزىيە سۆزى بۇ ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كېيىن سىرتقا تارقىتىلىدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جانادى فرانسىيە ئاخبارات تورىغا سالىھىنىڭ تېلېۋىزىيەدە ئاشكارا سۆزلىگەن سۆزى ھېچ بولمىغاندا 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كېيىن تارقىتىلىدىكەن.
جانادىنىڭ دېيىشىچە، يەمەن ئەۋەتكەن تېلېۋىزىيە ئوپىراتورلار گۇرۇپپىسى شۇ جاي ۋاقتى 27-ئىيۇن ئايروپىلانغا چىقىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادقا بارغان، كېيىن رىيادتىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان پىرىزدېنت سالىھ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە سۈرەتكە ئالغان. مۆلچەرلىنىشچە سالىھنىڭ بۇ قېتىمقى تېلېۋىزىيە سۆزى 6-ئاينىڭ 30كۈنىدىن كېيىن سىرتقا تارقىتىلىدىكەن.