تارىخ باياۋانلىرىنى كېزىۋاتقان ئادەم(1)

ۋاقتى:2010-08-09 12:47مەنبە: تەھىرىر:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  

تارىخ باياۋانلىرىنى كېزىۋاتقان ئادەم(1)

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

تۇرسۇن مەخمۇت

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

(ياش تارىخچى، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى غالىب بارات ئەرك بىلەن سۆھبەت) www.iz.la

  غالىب بارات ئەركنىڭ تەرجىمىھالى:غالىب بارات ئەرك 1968 – يىلى 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزا تۇرپان مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1984 – يىلى چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ پوچتا تېلېگراف مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ، 1989 – يىلى شىنجاڭ پوچتا -تېلېگراف مەكتىپىنىڭ يۈكلىمە  دولقۇن كەسپىنى تاماملاپ، چاقىلىق ناھىيىلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئاپپارات ئاسراش پونكىتىغا  تەقسىم قىلىنغان ، شۇندىن بېرى ئىزچىل مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەپ كەلمەكتە ، ھازىر جۇڭگو تېلېگراف چەكلىك شىركىتى چاقىلىق شۆبە شىركىتىنىڭ ئاسراش پونكىتىدا خىزمەت قىلماقتا .

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


     غالىب بارات ئەركنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا كىرىشىشىنى 1985 – يىللىرىدىن باشلاشقا بولىدۇ . ئۇ شىنجاڭ پوچتا - تېلېگراف مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، بوش ۋاقىتلىرىدا مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ۋە قىرائەتخانىسىدىكى كىتاب ماتېرىياللارنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن مۇشۇ ساھەگە قەدەم باسقان . دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئىلىمگە ئوتتەك ئىشتىياقى بار غالىب، شۇندىن باشلاپ مەكتەپ قىرائەتخانىسىنى ئىككىنچى دەرسخانا قىلىپ ماتېرىيال كۆرۈشكە باشلىغان . بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تەتقىقاتتا ماتېرىيالنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە  تاماق ۋە باشقا جەھەتتىكى خىراجەتلىرىنى ئىقتىساد قىلىپ كىتاب - ماتېرىيال يىغىپ ، ھەر تەتىلدە نەچچە سومكىدىن كىتابنى يۇرتىغا توشۇيدىغان بولغان . تەدرىجىي ھالدا مەنمۇ يېزىپ باقمايمەنمۇ دېگەن ئىستەك پەيدا بولۇپ، تۇنجى ماقالىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە ئوينىغان رولى» نى قايتا – قايتا يېزىپ ، تۈزىتىپ ئوبلاستىمىزدا چىقىۋاتقان «بوستان» ژۇرنىلىغا ئىبەرتكەن ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تۇنجى ماقالىسى «بوستان» ژۇرنىلىنىڭ 1989 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان . 1989 – يىلى 7 – ئايدا پوچتا- تېلېگراف مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئىزدىنىپ ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىشقا باشلىغان . ئۇنىڭ تۇنجى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان 1989 – يىلىدىن ھېسابلىغاندا بۇلتۇر تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىل تولدى . بۇ جەريان نۇرغۇن مەشىق سۈپەتلىك ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلغان بولسا، مانا ھازىرقى كۈنلۈكتە ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئۆسۈپ قالدى ، بۇ 20 يىل جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ، «كروران» ، «بۇلاق» ، «مىراس» ، «شىنجاڭ ياشلىرى» ... قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 130 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى . 2004 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇنىڭ «كروراننىڭ سىرى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى . بۇ كىتاب ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان، بىر ناھىيىنىڭ تارىخىنى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بەرگەن تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ كىتابنىڭ ھەجمى ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن كىرگۈزۈلمەي قالغان قىسىملىرىنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چاقىلىق ناھىيىلىك كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «چاقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 3 - ، 4 – توپلاملىرىدا ئېلان قىلىپ چاقىلىق ۋە كروراننىڭ تارىخ ، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
     غالىب بارات ئەركنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :
1- تارىخ تەتقىقاتى : غالىب بارات ئەرك ئۆزىنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنا تەتقىقاتى جەريانىدا «كروراننىڭ سىرى» ناملىق مەخسۇس ئەسىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ ، تارىخىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى . بۇنىڭغا ۋەكىل خاراكتېرلىك ماقالىلىرىدىن «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى سىر» ، «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر كىتىك» ، «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر لوپ» ، « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تە تىلغا ئېلىنغان چىن ، ماچىن ھەققىدە» ، « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يېزىقى ھەققىدە» ، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ تېررىتورىيىسى توغرىسىدا» ، «قاراشەھەر ۋە كورلا ۋىلايەتلىرى ھەققىدە» ، «چىن - ماچىن ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» ، «لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش»... قاتارلىق ماقالىلىرىنى تىلغا قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ .
www.iz.la

2- يەر ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات
غالىب بارات ئەرك يۇرتىمىزنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئاجىز ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، شۇ يۇرتلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ، تىل ماتېرىياللىرى بىلەن تارىخىي پاكىتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىقات يۈرگۈزۈپ چاقىلىق ، چەرچەن ، كورلا ، قاراشەھەر ، لوپنۇر ، خوشۇت، خوتۇنسومۇل قاتارلىق جاي ناملىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە يۇرتىمىزدىكى تارىم ، كۆنچى ، تەكلىماكان قاتارلىق ناملار ھەققىدىمۇ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى . بۇلاردىن باشقا يەنە  بايىنغولىن ئوبلاستىنى ئاساس قىلغان ھالدا كىچىكرەك جايلارنىڭ ناملىرىدىن 80 نىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاپ ، بىر قىسمىنى «شىنجاڭ ياشلىرى»، «كروران »  قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ كىتابخانلارنىڭ دىققىتىنى يەر ناملىرىغا جەلپ قىلىپ ، يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كۆرسەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

3- مەدەنىيەت تەتقىقاتى
غالىب بارات ئەرك مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا ئاز، ئەمما ساز ماقالىلىرى بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخىي سەۋەبلەر» ، «خاسىيەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز ياشىسۇن » ... قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەت كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى. بۇنىڭدىن باشقا  «ئۇيغۇرلاردا دىداكتىكا» ، «نەۋائىي ۋە نەۋا مۇقامى»... قاتارلىق ماقالىلىرىنى مىسال قىلىش مۇمكىن .
4- ئىجتىمائىي ئەھۋاللار ھەققىدىكى ماقالىلىرى
غالىب بارات ئەرك ھازىرقى ئىجتىمائىي رېئاللىقتا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ماقالە يېزىپ، جەمئىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي، رېئال مەسىلىلەرنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بۇ جەھەتتىن جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ، پارتىيىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ ، باياشات ، ئاسايىشلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا چاقىردى . بۇ تۈردىكى ماقالىلىرىگە «ئۆلۈۋاتقانلار بىلەن سۆھبەت» ، «ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى» ، «كرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە» ، «تارىمنىڭ كۆز يېشى ۋە تەبەسسۇمى » ... قاتارلىق ماقالىلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

غالىب بارات ئەرك ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ «لوپنۇر ۋادىسىنىڭ سىرى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈردى . بۇ كىتابتا، قاراشەھەر – كورلا رايونىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ . يەنە تارىم ۋادىسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدىكى ياشاۋاتقان لوپلۇقلار ھاياتىغا بېغىشلانغان «تارىمنىڭ سىرى» ناملىق كىتابىنىمۇ يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشرىيات ئورۇنلىرىغا تاپشۇردى . ئۇنىڭ 21 – ئەسىر سوۋغىسى سۈپىتىدە يېزىپ چىققان «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابىمۇ نەشرگە تاپشۇرۇلغان. ئۇ ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ش ئۇ ئا ر مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى. www.iz.la

كروران يۇرنىلى 2010- يىللىق 2 - ساندىن www.iz.la

  copyright by www.iz.la

مەنبە؛ http://blog.sina.com.cn/s/blog_66fc58fd0100kpt2.html
ئىز تورى www.iz.la

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...