يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تەرجىمالى

ۋاقتى:2010-03-16 17:11مەنبە: تەھىرىر:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  

 

 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962- يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1968- يىلدىن 1972- يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان، 1972-يىلدىن 1975 - يىلغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975- يىلدىن 1979- يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1979- يىلدىن 1995- يىلغىچە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1995- يىلدىن 2006- يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.  ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. ئىز تورى بەك ياخشى

يازغۇچىنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965 - يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. 1978 - يىلىدىن ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 120 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست، ئەسلىمە ۋە ئەدەبىيات، تارىخقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى، «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانى ئېلان قىلىندى ھەمدە ئاساسلىق ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.  
"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ئۆزبېك تىلىغا، "ئايخان"ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قازاق تىلىغا، "ئىت ئېتىش"، "گۆركار" ناملىق ھېكايىلىرى قىرغىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردە نەشر قىلىنغان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشردىن چىققان كىتابلىرى: «نەي ئاۋازى» (ھېكايىلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «كونا - يېكى ئىشلار» (ھېكايىلەر توپلىمى، مىللەتلەر نەشرىياتى)، «سالام، ھىسام ئاكا» (پوۋېستلار توپلىمى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، «بۇ چۈش ئەمەس» (ھېكايىلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «نوزۇگۈم» (پوۋېست، موڭغۇل تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» (بىئوگرافىيىلىك قىسسە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئۆلۈككە خەت» (ھېكايىلەر توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» (ئىلمىي ئەسەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئايخان» (ھېكايىلەر توپلىمى، قازاق تىلىدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى يەنە ئۇنىڭ ھېكايە، پوۋېستلىرىدىن تاللاپ «مەمتىمىن ھوشۇر تاللانما ئەسەرلىرى <1>، <2>، <3>» دىن ئىبارەت ئۈچ كىتابنى نەشر قىلدى. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» خەنزۇ تىلىدا (ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ، «ئوت كەتكەن دەريا»(خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ھېكايە ۋە پوۋېست توپلاملىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 2006- يىلى 6- ئايدا ئۇنىڭ «ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى» ناملىق كىتابى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(34)
89.5%
ئالقىشلايمەن
(4)
10.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...