سالام بېرىش ۋە سالامنى ئىلىك ئېلىش

ۋاقتى:2010-08-20 03:12مەنبە: تەھىرىر:قاسىمجان چېكىلىشى:قىتىم
  

(غەنى ئەرشىدىن يازمىسى)

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  قېرىنداشلار  بۇ تېمىنى ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولارمىكىن ،سالامدىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى گۇزەل ئەخلاقىمىزدىن چەتنەپ كېتىۋاتقان جەميىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلىرىمىزگە  ئوقۇپ پايدىلنىشى ئۈچۈن ياردىمى بولارمىكىن دەپ  ئويلاپ مۇنبەرگە يوللىدىم ،  ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قەدىمقى زاماندا ئوتكەن بىر پادىشاھ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇخراچە كىيىنىپ ،نەۋرىسىنى ئەگەشتۇرۇپ ئېكىنزارلارنى ئارلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دېققان  ئۇنىڭ كىملىگىنى بىلمىسىمۇ ،خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بەجا كەلتۇرۇپتۇ . شاھ ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ ، يۈگۈرۈپ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ يېرىلغان ،قاداق ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋاللىشىپتۇ .قايتاشىدا  نەۋرىسى بوۋىسىدىن :
_بوۋا ، سىز بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ ،ئاشۇ ئەسكى چاپانغا نىمە ئۇچۇن شۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتىسىز؟- دەپ سۇراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھ نەۋرىسىدىكى ئىنسانى تەربىيەنىڭ كەملىگىنى ھىس قىلىپ مۇنداق دەپتۇ : ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ئەي،  ئەزىز پۇشتۇم ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىيەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ . ئېسىڭدە تۇت ، بىر ئېغىز  سەمىمى سالام جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۇرەلەيدۇ ...................
  بىزدە << سالام بېرىش قەرىز ، ئىلىك ئېلىش پەرىز >> دەيدىغان ھېكمەت بار . ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان  تونۇشسۇن- تونۇشمىسۇن ، ئۇچراشقاندا  تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ ، بىر- بىرىنىڭ كۆيۈنىشى، ھۆرمىتى ، ھېسداشلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن . شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىمىزدىن قەتئىنەزەر ، ئۆزئارا ئەنئەنە بويىچە تەمەنناسىز ، سەمىمى سالاملىشىشتەك گۇزەل ئەخلاقىمىزدىن مەھرۇم بولمىساق ! بۇ تولىمۇ ئاددى  ئەمما  مەزمۇندار ئۆتۈنۈش ئىكەنلىكى ھەمىشە ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولغاي !

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • نورۇز

    نورۇز ( ئىمىن تۇرسۇن) نورۇز ___ بىر تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللكەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى. يەر شارىنىڭ شىمالىي ئىللىق بەلۋېغىغا توغرا كېلىدىغان كەڭرى زىمىنىدا، يەنى شەرقتە سۇنغار دە...

  • نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خاسىيىتى

    خاسىيەتلىك بايرام__نورۇز دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن. ئاتا بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى...

  • قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنڭ كەشتىچىلىگى

    ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەشتىگە ماھىرلىقى ھەممىگە ئايان. قۇمۇل ئاياللىرى شۇ ئاياللارنىڭتىپىك ۋەكىلى. ئۇلار تەبىئەتتىكى گۈلگىياھلارنى ئۆزىنىڭ گۈزەللك قارشىنىڭ سىمۋولى قىلىپ ، ئۇنى كۈمۈش يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپلار ئارقىلىق ئۆز ئەقىل ئىدرىكى بىلەن يۇغۇرۇپ ،چىرايلىقم...