نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خاسىيىتى

ۋاقتى:2010-03-20 22:00مەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھىرىر:ئەكبەر چېكىلىشى:قىتىم
  

خاسىيەتلىك بايرام__نورۇز
 

دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەريىلى يۇلتۇزلار ئورنىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، كۈن يەنى قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن.قۇياشنىڭ قوزى يەنى ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن ۋاقىتنى يىل بېشى قىلغان. دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان بولسا، 10- ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نورۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ، باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز›› دەپ ئاتايدىغان بولغان. ‹‹نورۇز›› دىكى ‹‹نو›› يەنى ‹‹نەۋ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹يېڭى››، ‹‹ئېرىغ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹رۇز›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يۇرۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ، دېگەنلىكتۇر .دېمەك، نورۇز يېڭى كۈن، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن، دېگەندىن ئىبارەت . ئىز تورى بەك ياخشى


نورۇز ئالتاي تىللىرى ۋە ھىندى- ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا تەئەللۇق بولغان، بىرقانچە خىل تىل ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمى .

www.iz.la


نورۇز – باھار بايرىمى، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەسرىدىن رابغۇزى، ئەلىشىر نەۋائىي قاتارلىق ئىلىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە نورۇز تەسۋىرلىرى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ .نورۇز يالغۇز دېھقان، چارۋىچىلارنىڭلا ئەمەس، ئومۇمىي خەلقنىڭ بايرىمى .خەلقنىڭ قىش - زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىنلىرىنىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى، ئۆز ئارا ھىممەت -ساخاۋىتىنى، ئىناقلىقىنى، بەخىتلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


خەلقمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام، دەپ بىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك  دېگەن چۈشەنچلىرى بويىچە، كىمكى يىل بېشىدا، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا  شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن: ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش دېگەندەك. يەنە مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ياكى كۆچۈرگۈزۈش قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى .ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادەت داۋاملاشقان. شۇنداقلا نورۇز ئەيياملىرى تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ، گۈل - گىياھ ناملىرىنى قويغان.

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(1556)
99.7%
ئالقىشلايمەن
(5)
0.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • نورۇز

    نورۇز ( ئىمىن تۇرسۇن) نورۇز ___ بىر تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللكەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى. يەر شارىنىڭ شىمالىي ئىللىق بەلۋېغىغا توغرا كېلىدىغان كەڭرى زىمىنىدا، يەنى شەرقتە سۇنغار دە...

  • نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خاسىيىتى

    خاسىيەتلىك بايرام__نورۇز دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن. ئاتا بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى...

  • قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنڭ كەشتىچىلىگى

    ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەشتىگە ماھىرلىقى ھەممىگە ئايان. قۇمۇل ئاياللىرى شۇ ئاياللارنىڭتىپىك ۋەكىلى. ئۇلار تەبىئەتتىكى گۈلگىياھلارنى ئۆزىنىڭ گۈزەللك قارشىنىڭ سىمۋولى قىلىپ ، ئۇنى كۈمۈش يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپلار ئارقىلىق ئۆز ئەقىل ئىدرىكى بىلەن يۇغۇرۇپ ،چىرايلىقم...