خەتمە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يېشى
خەتمە قىلىش_ مۇسۇلمان ئەرلىرىگە سۈننەت ھىسابلىنىدۇ. ھازىر ، غەيرىي مۇسۇلمانلارمۇ ساغلاملىق ئېھتىياجىدىن بەزىلىرى خەتمە قىلدۇرىدىغان بولدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئوغۇل پەرزەنتلىرىنى ئاساسەن يەرلىك ئۇسۇلدا خەتمە قىلدۇراتتى. مېنىمۇ 1977-يىلى3-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەتتە ياشقا كىرگەندەئانام قايسى يۇرتلاردىن كېلەتتىكىن، مەھەللىمىزگە ئاتلىق كەلگەن جەرراھلارغا خەتمە قىلدۇرغان ئىدى. كېيىنچە ئۇقسام، ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئادەتتە ساتراچلىق ھۈنىرىنى ئۆگەتكەن پەرزەنتلىرىگە جەرراھلىقنىمۇ قوشۇپ ئۆگىتىدىكەن. پىشقەدەم ساتراچلار جەرراھلىقنىمۇ ئاساسەن قىلالايدىكەن. ئۇ چاغلاردا ئوغۇل پەرزەنتلەر ئاساسەن يەتتە ياشتىن ئاشقاندا(ئىمكان بار كېچىكتۈرۈپ)، ئۆرۈك چېچەكلىگەن مەزگىلدە خەتمە قىلىناتتىكەن. بۇنىڭدىن مەقسەت ئوغۇل بەك كىچىك بولسا، قورقۇپ كېتىپ، سالامەتلىكىگە خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ئىكەن، چېچەك ئېچىلىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن بولۇپ قالسا ئىسسىق-سوغۇقنىڭ تەسىرىدە يەرلىك ئورۇن ياللۇغلىنىپ، ۋاقتىدا ساقايمايدىغان ياكى تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىكەن.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ھازىر، تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن خەلق دوختۇرخانىلىرىنىڭ تاشقى بۆلۈملىرىدە، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرى، مىللىي شىپاخانا قاتارلىق داۋالاش ئورۇنلىرىدىمۇ <<ناركوز>> قىلىپ ئوپراتسىيىلىك خەتمە قىلدۇرىدىغان، تۇرالغۇ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقتىن، بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك سەۋەبىدىن قىشلىق تەتىلدە خەتمە قىلدۇرىدىغان ئەھۋاللار ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
لېكىن، ئوغۇل پەرزەنتلەرنى زادى قانچە ياشقا كىرگەندە خەتمە قىلدۇرغان مۇۋاپىق، دېگەن، مەسىلىدە مەن ىېلى ۋاقىتلاردىن باشلاپ، ئىزدىنىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن قانائەتلەنگىدەك ئاساس تاپالمىغان ئىدىم. 2009-يىلى 7-ئايدا تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھىيىمىز(پوسكام) نىڭ ئىككىسۇ يېزىسى تۆۋەن چاقا كەنتىگە خىزمەتكە چۈشتۈم. ئائىللىلەرگە كىرىپ سۆھبەتلىشىش، تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بۇ كەنتنىڭ 3-مەھەللىسىدىكى سىيىت بوسۇغۇ (سىيىت كەسكەك) دېگەن كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ كىشى ھازىر 60ياشلاردىن ئاشقان 50يىللىق ساتراچلىق، جەرراھلىق تارىخى بار، زېرەك، خۇشپىئېل، چاقچاقچى، پەزىلەتلىك ئادەم ئىكەن. شۇ كىشى بىلەن نۇرغۇن قېتىم، نۇرغۇن تېمىلاردا پاراڭلاشتىم؛ قانۇن-سىياسەت، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، بۆلگۈنچىلىك -ئاقىۋەت توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم بولسا مەن ئۇ كىشىگە سۆزلەپ بەردىم، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىز، ئەخلاق- پەزىلىتىمىز، ھۈنەر-سەنئىتىمىز ۋە قىسسە- قىسمىتىمىز ھەققىدىكى بايانلارنى ئۇل كىشىنىڭ ئېغىزىدىن تەشنالىق بىلەن ئاڭلىدىم. سۆھبەتلىرىمىز تېخى تۈگىمىگەن ئىدى، لېكىن، بۇ يىل مارتنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇ يەردىكى خىزمىتىم ئاخىرىلاشتى، ناھىيىگە_ئەسلىي خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ كىردىم. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۆمرىمىز بولسا ئۇل زات بىلەن يەنە نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلىشقۇم بار، شۇنداقلا بەش ياشلىق ئوغلۇم ۋارىسنىڭ خەتمىسىنى شۇ كىشىگە قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.