نورۇز

ۋاقتى:2010-06-11 14:18مەنبە:نامەلۇم تەھىرىر:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  

نورۇز
 
( ئىمىن تۇرسۇن)
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

نورۇز ___ بىر تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللكەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تىل سېستىمىسىدا 
سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى.
 
يەر شارىنىڭ شىمالىي ئىللىق بەلۋېغىغا توغرا كېلىدىغان كەڭرى زىمىنىدا، يەنى شەرقتە سۇنغار دەرياسىدىن باشلىنىپ، غەرپتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زونىدا ياشىغۇچى ئوتتۇزلىغان ئىلەت-مىللەتلەر بۇ كۈننى مىللى ئەنئەنىۋى بايرام قىلىپ نىشانلايدۇ. بۇ مىللەتلەر تىل جەھەتتىن ئالتاي-ئورال تىللىرى ۋە ھىندۇ-ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى سېستىمىغا تەئەللۇق بىرقانچە خىل تىل ئائىلىلىرىدە سۆزلىشىدۇ. ئىرقى ئايرىما جەھەتتىن موڭغوللوئىد، تۇرانىد، ئارىيان تىپلىرىغا كىرىدۇ. بۇ ئىلەت-مىللەتلەر ئۇزاق تارىخ جەريانىدا، شەرقتىن غەربكە ۋە غەربتىن شەرققە، شىمالدىن جەنۇبقا كۆچۈپ يۈرۈش ئارقىسىدا، بەزىلىرى ئارىلاش-قۇرىلاش بولۇپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ جىنسىي تىپلىرىغا ۋە تىللىرىغا ئۆزئارا تەسىرلىرى سىڭىشكەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 
نورۇز ____ يەر شارىنىڭ شىمالىي كەڭلىكىدە ئىللىق بەلۋاغ زونىسىدا ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە ئاستىرونومىيىلىك ھادىسە بويىچە بەلگىلەنگەن يىل بېشى. جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتە ، شىمالىي ئىللىق بەلۋاغ 23 گىرادۇس 27 مىنۇت بىلەن 66 گىرادۇس 34 مىنۇت پاراللىل سىزىقلىرى ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ. ئاستىرونومىيىلىك ھادىسە جەھەتتە ، ۋاقىت-چاغلار << ئون ئىككى ئۈكەك>> ۋە << يەتتە ئاقراق>> بويىچە ھېسابلانغان. كېيىنكى چاغلاردا، << ئون ئىككى ئۈكەك>> ___ << ئون ئىككى بۇرج>> دەپ ئاتالغان. << ئۈكەك>> ياكى << بۇرج>> ___ << زودىئاك>> ____ ئاسماندا سەييارىلەر( ئاقراقلار) ھەرىكەت قىلىدىغان چەمبەر يول؛ ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ، ئاسمان فازىسىدىكى چوڭ كۆرۈنمە( كۆرگىلى بولىدىغان) دائىرە، قۇياش مەركىزى ئۆزىنىڭ يىللىق ھەرىكىتىدە مەزكۇر دائىرىنى بويلاپ ھەرىكەتلىنىدۇ. قۇياش ئۆزىنىڭ يىللىق ئايلىنىشىدا، ھەربىر ئۈكەك( بۇرج)نى بىر ئايدا بېسىپ ئۆتىدۇ. ئۈكەك ئون ئىككى يۇلتۇزدىن تەركىپ تاپقان. قەدىمكى دەۋردە ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ ئون ئىككى ئۈكەكنى كۆپىنچە نەرسىلەرنىڭ ناملىرى بويىچە ئاتىغان. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
  
قەدىمكى تۈركىي تىلدا ، ئۈكەكلەر قوزا، ئۇي، ئاراندىز( قوش گېزەك)، قۇچىق( قىسقۇچپاقا)، ئارلان، بۇغداي بېشى، ئۈلكۈ(تارازا)، چايان، يا، ئوغلاق، كۆنەك ( سوغا)، بېلىق دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ ئەرەبچە - پارسچە تەڭداشلىرى ____ ھەمەل، سەۋر، جەۋزا، سەرەتان، ئەسەد، سۇنبۇلە، مىزان، ئەقرەب، قەۋس، جەدى، دەلۋە، ھوت دېيىلىدۇ. ئۈكەك ( بۇرج) نىڭ مىنتەقىسى، يەنى قۇياشنىڭ ئايلىنىش يولى 360 دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر ئۈكەك 30 دەرىجىنى ئىگەللىگەن. ھەربىر دەرىجىنىڭ 60 تىن بىرى دەقىقە(مىنۇت) بولۇپ، ھەر دەقىقە 60 سانىيە( سېكۇنت) گە بۆلۈنگەن. 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

<< يەتتە ئاقراق>>( يەتتە سەييارە) ___
 سەكەنتىر ( زۈھەل-ساتۇرىن) ،
 ئوڭاي (مۇشتەرى-يۇپىتىر) ،
 كۇرۇد ( مىررىخ- مارس) ،
ياشىق ( شەمس- قۇياش) ،
 سەۋىت ( زۆھرە- ۋېنېرا)،
ئارزۇ ( ئوتارۇد- مېركۇرىي) ،
 يالچىق ( قەمەر، ماھ، ئاي) دەپ ئاتالغان
. قەدىمكى چۈشەنچىدە، قۇياش بىلەن ئايمۇ سەييارىلەردىن ھېسابلانغان. قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز يۇلتۇزلارنى تۆت تادو( تۆت ئاناسىر) چۈشەنچىسىگە تەدبىق قىلىپ، تۆت پەسىل، تۆت تەرەپ، تۆت خىل رەڭ قاتارلىقلارنى ئىپادىلىگەن. ئون ئىككى ئۈكەك ( بۇرج)نى تۆت پەسىلگە تەئەللۇق قىلىپ، ھەر پەسىلگە ئۈچتىن يۇلتۇزنى تەقسىم قىلغان. مەسىلەن:

ئىز تورى www.iz.la


ھەمەل(قوزا)،
سەۋر( ئۇي)،
 جەۋزا( قوش گېزەك-ئاراندىر)يۇلتۇزلىرى ___ باھار بۇرجى؛
ئەسەد(يولۋاس)،
سەراتان( قۇچىق-نەك)،
 سۇنبۇلە( بۇغداي بېشى) ____ ياز بۇرجى؛ 
قەۋس(يا)،
 مىزان( ئۈلكۈ-تارازا)،
ئەقرەب(چايان) ____ كۈز بۇرجى؛  
جەدى( ئوغلاق)،
دەلۋە( كۆنەك-سوغا)،
 ھوت(بېلىق) ____ قىش بۇرجى.
يۈسۈپ خاس ھاخپ<< قۇتادغۇ بىلىگ>> تە، بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:
ئۈچى يازقى يۇلدۇز، ئۈچى يايقى بىل
،ئۈچى كۈزگى يۇلدۇز، ئۈچى قىشقى بىل. 
ئۈچى ئوت، ئۈچى سۇۋ، ئۈچى بولدى يەل، 
ئۈچى بولدى تۇپراق، ئۈچى بولدى ئەل.
ھوت ( بېلىق) ئېيى ____قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى؛ ھەمەل(قوزا) ____ باھارنىڭ باشلانغۇچ ئېيى. شۇڭا دېھقانلار:<< ھوت __ كەتمەن سېپىنى تۇت>> ، << ھەمەل كىردى___ ئەمەل كىردى>> دەيدۇ. ھەمەل ___ قۇياشنىڭ يىللىق كۆرۈنمە ھەرىكەت يولىدىكى ئون ئىككى ئۈكەكنىڭ بىرىنچىسى. قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرجىغا كىرىشى ئەتىيازغى تۇرۇم (ئېتىدال __ كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتى) غا توغرا كېلىدۇ. بۇرج ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسىدىن باشلىنىپ، قۇياش مەركىزىنىڭ يىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشىنى بويلاپ، 0 گىرادۇستىن 360 گىرادۇسقىچە ئايلىنىدۇ. ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسى 0 گىرادۇستىن باشلىنىدۇ. ئومومىي بۇرج دائىرىسى چارەك( تەربىئى__ 90 گىرادۇس)، ئۈچتىن بىر ( تەسلىس__ 120 گىرادۇس)، ئالتىدىن بىر ( تەسدىس__ 60 گىرادۇس) غا ئايرىلغان. 0___90 گىرادۇسقىچە بولغان بۇرجنىڭ شىمالى مۇسبەت، جەنۇبى مەنپىي ھېسابلانغان.   ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەسلىدە، ئەتىيازغى تۇرۇم نۇقتىسى يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى __ نورۇز دەپ ھېسابلىناتتى. شۇڭا يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى نورۇزدىن باشلىناتتى. شىمالىي قايتىش سىزىقى بارا-بارا جەنۇبقا سۈرىلىۋەرگەندىن كېيىن، يىل بېشى ___ نورۇزنىڭ مىلادىيە كالىندارى ھېسابىدىكى ئايلارغا توغرا كېلىدىغان ۋاقتىمۇ كەينىگە سۈرىلىۋەرگەن. جۇغراپىيەشۇناس ۋە ئاسترونوملارنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، بۇ سىزىق ( ئەسلى نىشان قىلىنغان دەرىجىدىن) جەنۇبقا قاراپ ھەر يىلى 13 مېتىر سۈرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى بىلەن ئاسمان فازىسىدىكى ئايلىنىز يۈزى ئارىلىقىدىكى يانتۇلۇق ئېكۋاتور بىلەن بۇرج ئارىسىدا بۇلۇڭ ھاسىل قىلغاچقا، شىمالىي قايتىش سىزىقى ھاسىل بولىدىكەن. 1990-يىلىدا ، مەزكۇر سىزىقنىڭ جەنۇبقا قاراپ سۈرىلىۋاتقانلىقى بايقالغان. ئۆلچەش نەتىجىسىدە، باش نىشان نۇقتىسى( ئېكلىپتىكا كوردىناتى) تەخمىنەن 1179 مېتىر جەنۇبقا يۆتكەلگەن( ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 90 يىل ئىچىدە ھەر يىلى 13 مېتىردىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن).

www.iz.la


 
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى نامەلۇم گە تەۋە )
ياخشىكەن
(2)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(1)
33.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • نورۇز

    نورۇز ( ئىمىن تۇرسۇن) نورۇز ___ بىر تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللكەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى. يەر شارىنىڭ شىمالىي ئىللىق بەلۋېغىغا توغرا كېلىدىغان كەڭرى زىمىنىدا، يەنى شەرقتە سۇنغار دە...

  • نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خاسىيىتى

    خاسىيەتلىك بايرام__نورۇز دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن. ئاتا بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى...

  • قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنڭ كەشتىچىلىگى

    ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەشتىگە ماھىرلىقى ھەممىگە ئايان. قۇمۇل ئاياللىرى شۇ ئاياللارنىڭتىپىك ۋەكىلى. ئۇلار تەبىئەتتىكى گۈلگىياھلارنى ئۆزىنىڭ گۈزەللك قارشىنىڭ سىمۋولى قىلىپ ، ئۇنى كۈمۈش يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپلار ئارقىلىق ئۆز ئەقىل ئىدرىكى بىلەن يۇغۇرۇپ ،چىرايلىقم...