ئۇيغۇرلاردا لەقەم ھەققىدە

ۋاقتى:2010-06-18 00:44مەنبە: تەھىرىر:مۇھەممەت چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۇيغۇرلاردا لەقەمسىز ئادەم ئاز تېپىلىدۇ،شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «لەقەمسىز ئەر بولماس،ئويماقسىز خوتۇن»دېگەن ماقال كېلىپ چىققان. لەقەم-كىشىلەرنىڭ بىرەر خۇسۇسىيىتىگە قاراپ،ھەزىل قىلىپ ياكى مەسخىرىلەپ بېرىلگەن قوشۇمچە نام.لەقەم-بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنىڭ قانداقلىقىنى،نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى،...بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ.لەقەم-لەقەم ئىگىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئەمەس،بەلكى باشقىلار تەرەپتىن قويۇلۇپ سىڭدۈرىۋېتىلگەن بولىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن لەقەمنى ئىسىمغا قوشۇپ ئېيتىش ئادىتى شەكىللەنگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
      ئۇيغۇرلاردا لەقەم مۇنداق قويۇلۇپ كەلگەن:
      1)كەسپىي لەقەملەر-ئۇيغۇرلاردا مۇنداق لەقەملەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن،  
XXبورىچى، XXكىگىزچى، XXباخشى، XXسەيپۇڭ، XXمەنجاڭ، XXچامباشچى، XXچاڭ، XXراۋاب، XX
تەمبۈر دېگەنلەرگە ئوخشاش.

www.iz.la

      2)مىجەز-خاراكتىرىگە مۇناسىۋەتلىك لەقەملەر-بۇ خىل لەقەملەر ئۇيغۇرلاردا خېلى كۆپ .مەسىلەن،XXدودەن،XXئەسكى،XXسەتەڭ،XXسوغۇق،XXتۈلكە،XXشەيتان،XXجىن دېگەنلەرگە ئوخشاش. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
      3)فىزىئولوگىيىلىك لەقەملەر-بۇ خىل لەقەملەر ئۇيغۇرلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن،
XXتۆگە،XXقوتاز،XXقاۋان،XXچاشقان،XXكاناي،XX
دەلدۈش...دېگەندەك.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


      4)بىراۋنىڭ باتۇرلىقىغا قاراپ قويۇلىدىغان لەقەملەر.مەسىلەن،
XXپالۋان،XXنوچى،XX
باتۇر،دېگەندەك.
      5)بەزى ئادەملەرگە سىياسىي تۈس ئالغان لەقەم قويۇلۇپ،ئوبدان سىڭدۈرۈلگەن.مەسىلەن،
XXناھىيىسىدە بىر دېھقان ئۆز يۇرتىدا ھەمكارلىق گۇرۇپپا قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئالىي كوپىراتىپ قۇرۇلغانغا قەدەر(ئۆلگەنگە قەدەر)يەككە ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن،ئۇنىڭغا «XXيەككە»دېگەن لەقەم قويۇلغان ۋەئوبدان سىڭىپ كەتكەن.شۇنداقلا « مەدەنىيەت ئىنقىلابى»مەزگىلىدە شەكىللەنگەن «زاۋفەنپەي»،«باۋ خاڭپەي»دېگەن تەشكىلاتلارنىڭ قاتناشچىلىرىدىن ئۆز تەشكىلاتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن ساداقىتى ۋە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقىغا قاراپ،ئۇلارغا XXزاۋفەنپەي،XX
باۋخاڭ...دېگەندەك لەقەملەر قويۇلۇپ سىڭدۈرۈلگەن.دېمەك،لەقەم كۈچلۈك ھەجىۋىيلىككە ئىگە بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
     بەزى لەقەملەر لەقەم ئىگىسى ئۆلۈپ كېتىش بىلەن ئەۋلادىغا مىراس قالىدۇ.ئېيتايلى،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «يەككە»دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن،بالىسى گۇڭشىغا كىرگەن بولسىمۇ،«يەككە»دېگەن لەقەم بالىسىغا قالغىنىغا ئوخشاش...،«
XX
باخشى»دېگەن ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ،بۇ لەقەم بالىلىرىغا قالغىنىغا ئوخشاش.
      ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەخسىي لەقەمدىن باشقا يەنە يۇرت-مەھەللە لەقىمى بولىدۇ.مەسىلەن،تۇرپاندا«پالاسلار مەھەللىسى»،«تورغايلار مەھەللىسى»دېگەن مەھەللىلەر بار.بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورتاق لەقىمى «پالاس»،«تورغاي»بولغىنىغا ئوخشاش. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
     لەقەم بەزمە-ئولتۇرۇشلاردا ۋە باشقا سورۇنلاردا كۈلكە-چاقچاق ئۈچۈن ئوبدان تېما بولۇپ بېرىدۇ.لېكىن لەقەم توغرىدىن-توغرا ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ.بۇنداق بولمىغاندا،چاقچاق كۆتۈرەلمەيدىغان ئادەم بولسا،كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىدۇ.شۇڭا ئەگىتمە يول بىلەن شۇ لەقەمگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر قىلىنىدۇ.ئېيتايلى،«توخۇ»لەقەملىك ئادەم بولغان بولسا،توخۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە دائىر سۆزلەر قىلىنىدۇ-دە،باشقىلار سورۇندا «توخۇ»لەقەملىك ئادەم بارلىقىنى بىلىدۇ،ۋەھاكازا.
      دېمەك،لەقەم قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ خۇش-چاقچاق،يۇمۇرىستىك خاراكتىرىنىڭ كونكرېت ئەكس ئېتىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»دىن ئېلىندى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • نورۇز

    نورۇز ( ئىمىن تۇرسۇن) نورۇز ___ بىر تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللكەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى. يەر شارىنىڭ شىمالىي ئىللىق بەلۋېغىغا توغرا كېلىدىغان كەڭرى زىمىنىدا، يەنى شەرقتە سۇنغار دە...

  • نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خاسىيىتى

    خاسىيەتلىك بايرام__نورۇز دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن. ئاتا بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى...

  • قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنڭ كەشتىچىلىگى

    ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەشتىگە ماھىرلىقى ھەممىگە ئايان. قۇمۇل ئاياللىرى شۇ ئاياللارنىڭتىپىك ۋەكىلى. ئۇلار تەبىئەتتىكى گۈلگىياھلارنى ئۆزىنىڭ گۈزەللك قارشىنىڭ سىمۋولى قىلىپ ، ئۇنى كۈمۈش يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپلار ئارقىلىق ئۆز ئەقىل ئىدرىكى بىلەن يۇغۇرۇپ ،چىرايلىقم...