پولو

ۋاقتى:2010-02-19 23:34مەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھىرىر:لالە چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   پولو – ئۇيغۇرلار گۈرۈچ، قوي گۆشى، سەۋزە، باش پىياز، ماي قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن ئىتىدىغان تائام. بۇ تائام كۆپ ھاللاردا قول بىلەن يىيىلىدۇ، شۇڭا شىنجاڭدىكى كونا خەنزۇلار «قول بىلەن يەيدىغان تائام» دەپ ئاتىغان. copyright by www.iz.la

  رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن بىرەر مىڭ يىللار بۇرۇن، بىر ئۆلىما ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا تىنى بەكلا ئاجىزلاپ كىتىپتۇ. تۈرلۈك دورا-دەرمەكلەرنى يەپمۇ ھېچقانداق پايدىسى بولماپتۇ. ئاخىرى ئۇ سەۋزە، گۈرۈچ، باش پىياز، قوي گۆشى قاتارلىقلار بىلەن تائام قىلىپ، ئۆزىنى كۈتۈپتۇ، ئاقىۋەتتە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، پولو كەڭ تارقىلىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن «ھەممىگە قادىر ئاش» دىيىلىدىغان بوپتۇ. پولونىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. قوي گۆشى بىلەن ئىتىلگەن پولودىن سىرت يەنە كالا گۆشى، توخۇ گۆشى، قۇرۇق ئۈزۈم، قاق، تۇخۇم، كاۋا قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەمى ئۆزگىچە. پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر تائاملىرىدىن بىرى سۈپىتىدە توي-تۆكۈن، ئۆلۈم – يىتىم، ھېيت-بايرام، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى كۈتىۋېلىشتىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تائام ھېسابلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئۇيغۇرلار پولو يىگەندە، ئادەتتە پولو لىگەنگە ئۇسۇلىدۇ، ئوخشىغان، ساپ-سېرىق پولو لىگەندە خۇددى پىرامىدادەك چوقچىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆش بېسىلىدۇ. قائىدە بويىچە ئۈچ ئادەمگە بىر لىگەن ئاش توغرا كىلىدۇ. كۆپچىلىك ئولىشىپ ئولتۇرىدۇ، تاماق يىيىشتىن بۇرۇن گۆش ئۇششاق پارچىلىنىدۇ، تاماق يىگەندە ھەر كىم ئۆز ئالدىدىن ئاشقا قول سالىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى تەڭرىتاغ تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(47)
92.2%
ئالقىشلايمەن
(4)
7.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • نورۇز

    نورۇز ( ئىمىن تۇرسۇن) نورۇز ___ بىر تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللكەتلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تىل سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى. يەر شارىنىڭ شىمالىي ئىللىق بەلۋېغىغا توغرا كېلىدىغان كەڭرى زىمىنىدا، يەنى شەرقتە سۇنغار دە...

  • نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خاسىيىتى

    خاسىيەتلىك بايرام__نورۇز دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن. ئاتا بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى...

  • قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنڭ كەشتىچىلىگى

    ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەشتىگە ماھىرلىقى ھەممىگە ئايان. قۇمۇل ئاياللىرى شۇ ئاياللارنىڭتىپىك ۋەكىلى. ئۇلار تەبىئەتتىكى گۈلگىياھلارنى ئۆزىنىڭ گۈزەللك قارشىنىڭ سىمۋولى قىلىپ ، ئۇنى كۈمۈش يىڭنە ۋە رەڭلىك يىپلار ئارقىلىق ئۆز ئەقىل ئىدرىكى بىلەن يۇغۇرۇپ ،چىرايلىقم...